مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدىن بىر ئاچچىق ساۋاق

ئاپتور: ئابدۇرېھىم دۆلەت

مۇھەررىر: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتى ئەسلىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى، ئەگەر ھەر قايسى كونكېرت تېمىلار، ساھەلەر بويىچە ئايرىم، ئايرىم تەتقىق قىلىنغان بولسا، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇچرىغان نۇرغۇن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان، نۇرغۇنلىغان بىھۇدە بەدەللەر تۆلەنمىگەن بولاتتى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى بەلكىم ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ھېسابلانسا كېرەك. ئالدى كەينى بولۇپ يۈز يىلغا يېقىن بۇ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە، ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ھەتتا دۇنياغا ئەسقاتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قانچىلىك سەرخىل ئۇيغۇر يېتىشتۈردى؟ دېگەن سوئالنى سوراشقا ھەقلىقمىز. بۇ سوئالغا ئەستايىل جاۋاب بېرىلگىنىدە، ياكى بۇ سوئالغا مەردانىلىك بىلەن يۈزلەنگەندە، ھازىرقى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە نېمىلەرنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى، چارىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارغا ئەركەكلەرچە يۈزلىنىش، رەھىمسىزلىك بىلەن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تېپىلىدۇ. بولۇپمۇ تارىخىي يىلتىزى بولغان مەسىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. يۇقىرىدىكى سوئالغا گەرچە ئىلمىي تەكشۈرۈش بىلەن جاۋاب بېرەلمىسەكمۇ، رېئاللىققا سەل ئەستايىدىلراق نەزەر سېلىش بىلەن توغرىغا يېقىنراق بىر جاۋابقا ئېرىشىش مۇمكىن.

بىر باغنىڭ ياخشى پەرۋىش قىلىنغان ياكى تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى باغنىڭ يىللىق ھوسۇلىغا قاراش دېسەك مېنىڭچە خاتا بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن 70، 80 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدا مائارىپقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يېتىشتۈرگەن سەرخىل ئادەملىرىنىڭ سانى ياكى سۈپىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق بىلەلەيمىز. ئەگەر بۇ يۈزەكى نەزەر سېلىشتىن ئېرىشكەن جاۋابىمىزنىڭ رېئاللىقنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ توغرا ئەكس ئەتتۈرەلىگەنلىكىگە ئىشەنسەك، ئۇ ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مائارىپقا ئاساسەن ھەقىقىي مەنىدە ئەھمىيەت بەرمەپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقارساق خاتالاشمايمىز دەپ قارايمەن. ئەگەر ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسا بۈگۈنكىدەك پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ھايات – ماماتلىق پەيتىدە قالغاندا، چەت ئەلدە ئىلىم – پەن، ئىسلامىي ئىلىملەر، ئىقتىساد ۋە ياكى سىياسەت قاتارلىق خىلمۇ – خىل ساھەلەردە يېتىشكەن نۇرغۇنلىغان سەرخىل ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈرەش قىلغىنىغا شاھىت بولغان بولاتتۇق. ھالبۇكى، بۇنىڭ زۆرۈرىيىتىنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم بۇنىڭدىن 87 يىل مۇقەدەم، يەنى 1937- يىلى كابۇلدا، چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارغا يازغان تۇنجى خىتابىدا تۆۋەندىكى قۇرلار بىلەن تىلغا كەلتۈرگەن ئىدى:

« …..يۇقىرىدا ئېيتىلغان سائادەت كۈنلىرىگىچە شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىنى تەييارلاپ، كەلگۈسىدە خۇدا بېرىدىغان ئازاتلىق نېمىتىنى ئۆز جايىدا سەرپ قىلىشقا، ھەر قانداق تاجاۋۇزچى ۋە يامان نىيەتلىكلەردىن بۇ نېمەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە ئۆز ئېھتىياجلىرىمىزنى مۇمكىنقەدەر تەمىن قىلىشقا قابىلىيەت پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، قابىلىيەتسىز ۋە ئەخمەق مىللەت قولىغا كەلگەن ئازاتلىق ۋە ئىززەتنى تۇتالمايدۇ…….ئەگەر قولىمىزغا كەلگەن بۇ پۇرسەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن ئەقەللى قىرىق – ئەللىك لاقاقەتلىك كىشى، يەنى دۇنيا سىياسىتىگە ۋاقىپ بولغان، تەجرىبىلىك، ھەقىقىي ۋەتەنسۆيەر ۋە ھەر ئىشنىڭ مەۋقە، دەرىجىسىنى بىلىدىغان، شەخسىي غەرەزلىك بولمىغان ۋە ئەھلى غەرەزلەرنىڭ ھىلە – مىكىرلىرىگە بېرىلىپ كەتمەيدىغان ئادەملەر بولغان بولسا ئىدى، شەرقىي تۈركىستان ھازىرغىچە دۇنيانىڭ مۇستەقىل بىردۆلىتى بولۇپ تونۇلاتتى. ……..ھەر بىر كىشى ئۆز قىلىدىغان ئىشنى بىلىشى لازىم. چۈنكى، بىلمىگەن ئىشنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس، گەرچە ۋەتىنىمىزدە ئۆلىما ۋە فىقھىي ئالىملىرىمىز تولا بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت دىنىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنىلا بىلىدۇ. سىياسىي، ھەربىي، سانائەت، مىللەتنىڭ ۋە مەملىكەتنىڭ مۇداپىئەسى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان زۆرۈر ئىشلار ھەققىدە مەلۇماتلىرى ئاز بولغانلىقتىن، بۇ پەزىلەتلىك ئالىملارنىڭ ئازلىق قىلىشى ھەر بىر كىشىگە مەلۇملۇق. …..مەدەنىيەت، تەرەققىيات، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىلىملەر، مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا سانائەتنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە ئىسلاھى، قەدىمدىن تارتىپ باشقىلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بۇلارنى ئۆگىنىشنىڭ بىر مۇنچە شەرتلىرى بار. مەسىلەن: ئومۇمىي مەكتەپلەردىكى (ئاساس مائارىپ) سىنىپ ۋە دەرىجىلەرنى تولۇق ئۆتۈش كېرەك. چۈنكى بۇ ئىلىم – پەننىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئالىي مەكتەپتە بولىدۇ. 12 يىل ئومۇمىي مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش مۇمكىن بولىدۇ. …….بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىدە (ئوقۇش) چەت ئەللەردىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنى ياش، بىلىم ۋە ئ‍ىقتىساد جەھەتتىن تۆت قىسىمغا بولۇشىمىز مۇمكىن: 1) ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار. 2) ئۆلىمالار ۋە تالىبلار. 3) بايلار. 4) بۇلاردىن باشقىلار.

 

ياشلار:

ئوقۇش يېىشىدىكى بالىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىشكە دەۋەت قىلىمىز ۋە تەشۋىق قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يىراقلارغا سەپەر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئومۇمىي مائارىپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئوقۇسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرىشكە لاياقەت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خالىغان يەرگە بېرىپ ئوقۇغىلى بولىدۇ.

 

ئۆلىمالار ۋە تالىبلار:

ھەر كۈنى بىر- ئىككى سائەت ئىچكى ۋە تاشقى گېزىت خەۋەرلىرىنى ئوقۇسۇن. بولۇپمۇ، مەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، سائانەت، دىپلوماتىيە، ھەربىي كۈچ، ئىقتىسادىي ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى بىر-بىرلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىلىرىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئوقۇسۇن. بۇ ساھەدە كەشپ قىلىنغان كەشپىياتلارنى ۋە بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ھەر قانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەنسۇن.

ئۆلىمالىرىمىز ۋە قابىلىيىتى بولغان ياش تالىبلىرىمىز تېببىي فاكۇلتېتلارغا، زىرائەت فاكۇلتېتلىرىغا، سىياسەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتلىرىغا، ئىنژېنىرلىق، كانچىلىق ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق باشقا ئىلىم – پەن مۇئەسسەسەلىرىگە قوبۇل قىلىنىش مۇمكىن. ………بۇ قەدىرلىك زاتلىرىمىزنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىلىم ۋە پەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشىشلىرىنى ھەممىدىن كۆپ تەرغىب قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھاسىل قىلغان يۈكسەك دىنىي ئىلىملىرى، ئىسلامىي ئەخلاق ۋە ئەدەبلىرى مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن چوڭ خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، بۇ ئىلىم – پەنگە نېسىپ بولۇپ، ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازاتلىقى ۋە دۇنيا سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، « نۇر ئۈستىگە نۇر» بولىدۇ ۋە : « ئ‍ىنسانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشى ئىنسانلارنىڭ ياخشىسىدۇر» دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.

 

بايلار:

يۇقىرىدا ئۆلىمالار سىنىپىغا تەرغىپ قىلغان يول، پۇل ۋە دەسمايىلىرى بار ۋەتەنداشلىرىمىزغىمۇ تەرغىپ قىلىنىدۇ. بۇلارمۇ گېزىت ئوقۇپ، ئۆلىمالار سىنىپىدىكىلەرگە ئېيتقىنىمدەك ئۆگىنىشلىرى كېرەك. ئىلىم ۋە پەننى خۇسۇسىي مۇئەللىملەرگە مائاش بېرىپ ئۆيلىرىدە ئوقۇش ناھايىتى ياخشى ۋە غەنىمەت بىر ئىشتۇر. چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشتە ھېچ قىيىنچىلىق يوق………..

 

بۇلاردىن باشقىلار:

ياشلىرى ئوقۇش يېشىدىن ئۈستۈن بولۇپ ئوقۇشقا كىرەلمىگەن، قولىدا دەسمايىسىمۇ بولمىغان ۋەتەنداشلىرىمىز زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىش قىلسا ۋە ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرگە شاگىرت كىرىپ ھۈنەر ئۆگەنسە، ھازىرقى تۇرمۇشلىرى قامدىلىپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە مىللەت ۋە مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخى بىر كەسپكە ئىگە بولغان بولىدۇ.»

ھەزرىتىمنىڭ شۇ يىللاردا، پەقەت ياشلارنى، تالىبلارنىلا ئەمەس، مىللەتنىڭ دېگىدەك ھەممە قاتلىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلىشىنىڭ نەقەدەر يىراقكۆرەرلىك بولغانلىقىنى بەلكىم ھازىر تېخىمۇ روشەن ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن. ھەزرىتىم بۇ قۇرلىرى بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ياكى ھەقىقىي مەنىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىگە ھېچقانداق باھانە قويمىغان ئىدى. ھەزرىتىمنىڭ 1937 – يىلىدىكى بۇ ئاقىلانە ۋە داھىيانە چاقىرىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئاۋاز قوشمىغانلىقىنى، مەن باشتا ئېيتقىنىمدەك، ھازىرغىچە چەت ئەلدە يېتىشكەن ئىنسانلارنى تەكشۈرۈپ باقساقلا بىلەلەيمىز. شۇنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: ئەگەر شۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ تۇرايلى، يېرىمى بولسىمۇ ھەزرىتىمنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئەھۋالى بۈگۈنكىدەك بولارمىدى؟ ئۇيغۇرلار ئەمدى بولسىمۇ بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى ھاياتىنىڭ مەركىزىي ئورنىغا ئالدىمۇ؟ بۇ سوئالغا ھەئە دەپ جاۋاب بېرىشكە تېخى بالدۇر دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن 87 يىل بۇرۇن ئەمەس، خۇددى بۈگۈن ئۈچۈنلا ئېيتىلغاندەك بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغاندا ئادەمنى ھەقىقەتەن يىغا تۇتىدۇ. (بۇلار ھەققىدە ئويلىنىشنى ئوقۇرمەنلەرگە قويىمەن)

مۇھاجىرەتتە سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاجىزلىقىمىزنى، سۈپىتىمىزنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تولدۇرۇشتىن باشقا چارىمىز يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مائارىپقا ھەقىقىي مەنىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى ۋە ئاشتى، چۈنكى باشتا تەكىتلىگىنىمدەك، بىز كۈچكە موھتاج، كۈچىمىز بولسا سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئەھمىيەت بەردۇق، بالىلىرىمىزنى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىمىزغۇ، مەدرىسىلەرگە بېرىۋاتىمىزغۇ دېيىشى مۇمكىن، ئەمما قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ توغرا بولۇپ بولمايۋاتقانلىقىنى، ياكى ھەقىقىي ئ‍ەستايىدىللىق بىلەن قىلىپ قىلمايۋاتقانلىقىمىزنى ئوقۇپ چىققان بالىلارنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ. يەنە بەزىلەر بۇنى ئومۇميۈزلۈك قىلىپ بولغىلى قانداق بولىدۇ؟ جان بېقىش بېسىمىدا ئادەم بۇلارغا قانداق يېتىشىپ بولىدۇ دەپ ئۆزىگە باھانە ئىزدىشى مۇمكىن. ھەقىقىي مەنىدە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلسە، قانداق نەتىجىلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ:

«1880 -يىللاردا يەھۇدىيلار ئاۋسترىيە نوپۇسىنىڭ ئاران 3 ~ 4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان، ئەمما بارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %17نى ۋە ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان. ۋېنگىرىيەدە يەھۇدىيلار نوپۇسنىڭ %5نى تەشكىل قىلغان، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %25نى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %43نى تەشكىل قىلغان. گېرمانىيە ئىمپېرىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىتات پىرۇسسىيەدە 1910 – 1911 يىللاردا يەھۇدىيلار نوپۇسنىڭ %1نىمۇ ئىگىلىمەيتتى، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %5.4نى، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %17نى تەشكىل قىلاتتى.

ۋېنادا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يەھۇدىيلار ئادۋوكاتلارنىڭ %62نى، دوختۇر ۋە چىش دوختۇرىنىڭ يېرىمىنى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنىڭ %45نى ۋە ئومۇمىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيتتى. يەھۇدىيلار يەنە كەسپىي ژۇرنالىستلارنىڭ %55نى، ئاممىغا ئوچۇق بانكا مۇدىرلىرىنىڭ %40نى، ۋېنا ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. ۋېنگىرىيەدىمۇ يەھۇدىيلار ئادۋوكاتلارنىڭ %34نى، دوختۇرلارنىڭ %48نى ئىگىلەيتتى.

1912 -يىلى پىرۇسسىيەدىكى مىليونېرلارنىڭ 20 پىرسەنتى يەھۇدىيلار ئىدى. پۈتكۈل گېرمانىيەدە يەھۇدىيلار نوپۇسنىڭ %0.95نى ئىگىلەيتتى، ئەمما ئەڭ باي %31 ئائىلە يەھۇدىي ئائىلىسى ئىدى».

مېنىڭچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار مۇجادىلىسى ئەجدادىن ئەۋلادقا سوزۇلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بىزدەك بىر مىللەتكە بەك كۆپ نەرسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا، بىر مىللەت قىلالىغان ئىشنى يەنە بىرمىللەتنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى نەتىجىلىك ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىن ئورۇن قولغا كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر نىشانى بولۇشى كېرەك. بارلىق جەمئىيەتلەرمەيلى قانچىلىك ئادالەت، باراۋەرلىك شوئارلىرىدا قۇرۇلسۇن، بىر پىرامىداسىمان قۇرۇلمىغا ئوخشايدۇ. پىرامىدانىڭ چوققىسىدىكىلەر دۆلەتنى باشقۇرىدۇ، ئەگەر پىرامىدىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكىلەر چوققىدىكىلەرگە ساداسىنى ئاڭلىتىمەن دەيدىكەن، ئەڭ تېگىدە تۇرۇپ ۋارقىراش بىلەن ئاڭلاتقىلى، تەسىر كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن چوققىغا يېقىن يەرلەرگە يامىشىش كېرەك. بۇ يەرلەرگە يامىشىش ، بۇ يەرلەردىن ئورۇن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا ئالىي مائارىپتا ئوقۇشتىن باشقا، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان باشقا بىر يولمۇ يوق. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتتە كۆچمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق ئورۇنلارنى پۇلى ياكى مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، كۆچمەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي سەرمايىسى بولمايدۇ. ئالدىمىزدا يەنىلا ئوقۇشقا تايىنىپ سەرخىللىشىش بىزنىڭ قۇربىمىز يېتىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بىزنى بۇ يولغا مېڭىشتىن ئۆزىمىزنىڭ ھورۇنلۇقى، چۈشىنىكسىز باھانىلىرى، دەمال نەتىجىلەردىن باشقىنى قوغلاشمايدىغان ئېشەك نەزەرلىك، كاللىمىزدىكى بەزى پىكرىي چۈشەكلەردىن باشقا ھېچنىمە توسۇپ قالالمايدۇ.

مانا مۇشۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا، قەلبىدە دىنى، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن ئاز – تولا بولسىمۇ تۆھپەم بولسۇن دەيدىغان، خىتايغا ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرىنى يەنە قۇل قىلىپ تۇتۇپ بېرىشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئ‍ۆزىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە ھاياتىدا ئۆگىنىش مەركەزلىك بىر ياشام كۈلتۈرى بەرپا قىلىش ھەم تەخىرسىز، ھەم قىممەتلىك، ھەم قولىمىزدىن كېلىدىغان بىر ئىشتۇر. بۇ دېگەنلىك، بالىلىرىنىلا ياخشى ئوقۇتۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە قاتلىمى مەيلى يېشى نەچچىگە يەتسۇن، مەيلى كەسپى نېمە بولسۇن، مەيلى ئ‍اۋام بولسۇن، مەيلى دەۋا سېپىدىكى پائالىيەتچىلەر بولسۇن، مەيلى تەشكىلات رەھبەرلىرى بولسۇن، ھەتتا ئۆلىما ۋە زىيالىيلار بولسۇن، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى يېيىش، ئىچىش ئادىتىدەك بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

نۆۋىتى كەلگەندە، دەۋا سېپىدىكىلەرنى ھەممىدىن بەكرەك ئوقۇشقا دەۋەت قىلىمەن، چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەش تارىخىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلىرىمىزنىڭ كەينىدە، كۈرەش سېپىدىكىلەرنىڭ ئىلمىي، ئەقلىي ۋە پىسخىك ساپاسىنىڭ، كۈرەش جەريانىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى توغرا ئانالىز قىلىش، توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلىش، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتىكى زىددىيەتلەرنى ئاقىلانە بىتەرەپ قىلىشقا يەتمىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئاچچىق بىر ساۋاقنى يەكۈنلىيەلەيمىز، ھەتتا، بۈگۈنمۇ شۇنىڭدەك خاتالىقلارغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ھەر قانداق بىر سىياسىي كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلاردا دەۋاغا بولغان چەكسىز قىزغىنلىق، شۇنداقلا دەۋا تەقەززا قىلىۋاتقان ئىقتىدار تەڭ تېپىلمىغاندا، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش بەكلا تەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.

پەقەت مۇشۇنداق بىر كەيپىيات ھەم جەمئىيەتتە، ھەم ئائىلىدە ئەمەلگە ئاشقاندىلا، ئاندىن بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئائىلىدىكى بۇ ئوقۇش مۇھىتى تەسىرىدە ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، چۈنكى، بالىلارنىڭ نەتىجىسى نوقۇل مەكتەپ، مۇئەللىمنىڭ تەسىرىگىلا ئەمەس، بەلكى، ئائىلىدىكى ئوقۇش كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىگىمۇ زور دەرىجىدە باغلىق. بۇنىڭ تەسىرى پەقەت بالىلارنىڭ نەتىجىسىنى ياخشىلاش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلىرىغا ياخشى نەتىجە قازاندۇرسا ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئۆز ئۆرنىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، مائارىپتىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئوبرازىنى ياخشىلىيالايدۇ، بۇنىڭ شۇ دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئۈنۈمدە ئېلىپ بېرىشتا ئەھمىيىتى پەۋقۇلاددە زور. باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق كۆزدە قارىشىنى، قانداق مۇئامىلە تۇتۇشىنى، بىز ئۆزىمىز ياراتقان كوللېكتىپ ئوبرازىمىز ئارقىلىق بەلگىلىيەلەيمىز. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىق پەقەت بىزنىڭ ھىممىتىمىزگىلا باغلىق.

بۇ يەردە ئوقۇش ئادىتى ياكى ئوقۇش پائالىيىتى دېگەن كەلىمىلەرنى ئەمەس، ئوقۇش كۈلتۈرىنى قوللىنىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۈلتۈر تۇراقلاشقان، زاماننىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئىنسان ۋاز كېچەلمەيدىغان، ۋاز كېچىپ قالسا ئېغىر بىئارامچىلىق ھېس قىلىدىغان، روھىمىز، ئېڭىمىزغا يىلتىز تارتقان بىر قاتار ئادەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئوقۇش، ئۆگىنىش ئۇيغۇر ئائىلىرىنىڭ پات – پات ھاياجانلانغاندا ئەھمىيەت بېرىپ قويىدىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا ئالدىراشلىقلار بىلەن ئاستا – ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ئەمەس، ۋاز كېچىلمەس كۈلتۈرگە ئايلانغاندا، بۇنداق ئائىلىلەردە يېتىشكەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئىچىدە سەرخىللارنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ.  گەرچە مەكتەپتە ئوقۇغان ھەممە بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، پەقەت نىشانىمىز قانچە يۈكسەك بولغاندا، شۇ نىشانغا يېتىدىغانلار ھېچبولمىغاندا بۇرۇنقىدىن كۆپ چىقىدۇ. ئاينى نىشانلىغانلار، چوقۇم دەرەخ چوققىسىدىكى قۇشقاچنى نىشانلىغانلاردىن يىراققا ئاتالايدۇ.

2024-يىلى 10-دېكابىر

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى