ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر بىنا «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى «ئەقىدە سودا سارىيى»نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ قان تەرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ بىنانىڭ چېقىلىشىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى، ئەمما چۈشكۈنلەشمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سالغۇچىلارنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رابىيە قادىر: «خىتاي سودا سارايلىرىمىزنى چېقىۋېتەلەيدۇ، ئەمما ئۇ سارايلارنى تىكلىگەن روھىمىزنى سۇندۇرالمايدۇ» دېدى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى»نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا سارىيىنىڭ چېقىلغانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق سۈرەت ياكى سىن ئۇچراتمىغانلىقىنى ئېيتقان. ساراينىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈكلۈكى سەۋەبىدىن، بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، «رابىيە قادىر سودا سارىيى»نىڭ 29-نويابىر چېقىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، جەمئىيەتكىمۇ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.
مەزكۇر سودا ساراي 90-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن تۈرتكە بولغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ باققان بارلىق ئۇيغۇرلار بىلىدىغان مەشھۇر بىنا بولۇپ كەلگەن. خىتاي رېجىمى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، بىنانىڭ ئىگىسى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ تۆھمەت چاپلاپ، مەزكۇر سودا سارىيىنى پېچەتلىگەنىدى.
رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىگە بىر مەيدان كۈچ (ھەيۋە) كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە «رابىيە قادىر» دېگەن نامنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. رابىيە قادىر خانىم زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ سودا سارايلارنى چېقىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئەمما بىنانى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى سودا ئېڭى، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىپ، «خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» بويىچە، خىتاينىڭ، ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى غەيرىي ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە روناق تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىگە دەۋرلەردىن بېرى ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتتىن مەزكۇر سودا سارىيىنىڭ تارتىۋېلىنىشى ۋە چېقىلىشى، شۇنداقلا تۈرمىلەردە جازا ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2024-يىلى 13-دېكابىر