سۈرىيە مۇخالىپ كۈچلىرىنىڭ 55 يىللىق دىكتاتۇر ئەسەد ئائىلە رىجىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى ھاياتىدا ئەسەد ئائىلىسىدىن باشقا رەئىس كۆرمىگەن بىر ئەۋلات سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن شىرىن چۈشكە ئوخشاش خۇشاللىق تۇيغۇلىرىنى بېغىشلىغانلىقى ئاشكارا. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئاھى ئاللاھقا يەتكەن بولسا كېرەك.
زالىم بەششار ئەسەد رىجىمىنىڭ دراماتىك ھالدا يىقىلىشى رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىشى مۇقەررەر. ئەسەد رىجىمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئەڭ قاتتىق زىيان تارتقان تەرەپ ئىران بولسا، ئەڭ كۆپ پايدا ئالىدىغان تەرەپ تۈركىيە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئىراندىن قالسا، ئەڭ ئېغىر زىياننى رۇسىيە تارتقان بولىدۇ.
چۈنكى، ئىران، روسىيە بەششار ئەسەد رىجىمىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاز بەدەل تۆلىمىدى، شۇ بەدەللەرنىڭ ھەممىسى كۈپۈككە ئايلاندى. پايدا ئالغان تەرەپلەر تۈركىيەدىن قالسا ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرى دىيىشكە بولىدۇ.
مۇھىم بولغان مەسىلە سۈرىيە خەلقى بۇ نەتىجىنى قانداق ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ھەقىقىي ئەركىنلىك، ئادالەت، ئامانلىق بەرپا قىلىنغان بىر سۈرىيەنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتە. ئەمما سۈرىيەدە ئادالەت، ئەركىنلىك ۋا ئامانلىقنىڭ بەرپا بولىشىنى خالىمايدىغان تەرەپلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەڭ باشتا ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ بەششارنى يىقىتقان كۈچلەرنىڭ قولىدا گۈللىنىشىنى خالىمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پ ك ك، ي پ گ، پ ي د دېگەندەك كۈرد تېرورىچى گورۇھلار ھېچ خالىمايدۇ. ئىران، روسىيەمۇ شۇنداق.
ئەلۋەتتە مەزكۇر تەرەپلەر سۈرىيەنى قالايمىقان قىلىش، تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە توپا چېچىشقا ئۇرۇنىدۇ.
سۈرىيە ئىنقىلاۋىنىڭ غەلبە قىلىشىغا بىۋاستە ھەسسە قوشقان، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە بۇ غەلبىنىڭ مىۋىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تامامەن ھەقلىق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاساسى نىشان بولۇش ۋاجىپ بولغان ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ھېچقاچان ھېساپنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر زىيان تارتقانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالىدۇ.
ئەركىن سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتا مىليۇنلىغان سۈرىيەلىككە ئون نەچچە يىل ساھىپخانلىق قىلغان تۈركىيەنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تۈركىيە سۈرىيە ئۇرۇشىدىن زەپەر بىلەن چىققان بىردىنبىر دۆلەت دېسەك بولىدۇ. تۈركىيە بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. سۈرىيەنى ھەقىقىي ئەركىن، ئادالەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن زامان ۋە سان-ساناقسىز بەدەللەرگە ئىھتىياجلىق بولسا كېرەك.
مۇستەبىت بەششار ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق تىز ۋەيران بولىشى باشتا خىتايدىن ئىبارەت مۇستەبىت، زالىم رىجىملارنىڭ تەختىنى لىڭشىتىشىمۇ مۇقەررەر.