ئابدۇنەبىي قارىھاجىم
(ھ. 1316 – 1379 / م. 1899 – 1961)
ئابدۇنەبىي قارىھاجىم 1899 – يىلى غەربىي تۈركىستاننىڭ، يەنى ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزكەند شەھرىگە تەۋە پايتۇق دېگەن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا قىرائەت ئىلمىغا ئىشتىياق باغلىغان ئابدۇنەبىي قارىھاجىم قۇرئان كەرىم ۋە قىرائەت ئىلىملىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىغان ۋە ئون يىلغا يېقىن قىرائەت ئىلمىدىن ئەرەبلەرگە دەرس بەرگەن ئۆزبېك ئۇستازىدىن ئۆگەنگەن. قىرائەت ئىلمى ساھەسىدە ئەتراپلىق تەلىم ئېلىپ بولغىنىدىن كېيىن باشقا شەرئىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ شەرئىي ئىلىملەردىكى ئاساسىنى ئالدى بىلەن ئاتىسى خالمۇھەممەد داموللامدىن ئالغان. كېيىن ئۆزكەندتىن چىقىپ ئوش، تىراز ۋە سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەدرەسەلەردە سىستېمىلىق ئىلىم ئىگىلىگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگىنىدىن كېيىن سەمەرقەند ئۆلىمالىرىدىن (تاشكەند ئۆلىمالىرىدىن دېگەن گەپمۇ بار) ئىجازەت ئالغان. ھىجرىيە 1340 – / م. 1922 – يىلىدىن باشلاپ مۇئەللىملىك قىلىشقا باشلىغان. 10 يىلدىن ئارتۇق مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، 1936- يىلى ھەجگە بارغان ۋە مەككە مۇكەررەمەدە زېمىن سېتىۋېلىپ رىبات قۇرۇپ، ئۇ يەرنى ۋەقف قىلغان. ئاندىن رۇسلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دىنغا زەربە بېرىش سىياسەتلىرى تۈپەيلى ۋەتىنىگە قايتالماي، ئۇستازىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قىرائەت ۋە ئىلىم يېيىش ئۈچۈن 6 نەپەر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ ئاتلانغان. شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ۋە باشقا سەپداشلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان شەھەر، يۇرتلىرىغا تارقىلىپ خىزمەت قىلىشنى مۇناسىپ كۆرگەن. ئابدۇنەبىي قارىھاجىم دەسلەپتە قەشقەرگە بارغان بولسىمۇ ئۇ يەردە ئۇزۇن تۇرماي خوتەنگە بېرىپ جايلاشقان.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىم خوتەنگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن خوتەندە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان. شۇ زامانلاردا قۇمۇل ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ياۋغا قارشى جەڭلەردىن بىرىدە ئوق تېگىپ شېھىد بولغان خوتەن يېڭى شەھەرلىك ھاشىم ھاجىم دېگەن كىشى قىزى خاسىيەتخاننى ئابدۇنەبىي قارىھاجىمغا ياتلىق قىلىپ بېرىپ قارىھاجىمنى كۈيئوغۇل قىلغان. ئابدۇنەبىي قارىھاجىم تۇرمۇشلۇق بولغىنىدىن كېيىن، مۇھىببۇللاھ جان مەخسۇم (2009 – يىلى خوتەندە ۋاپات بولغان) بىلەن مەيمۇنەخان ھاجىم (2022 – يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان) قاتارلىق ئىككى پەرزەنت كۆرگەن.
ئەينى چاغدا ئابدۇنەبىي قارىھاجىم خوتەندە قىرائەت ئىلمىنى ئۆگىتىش ۋە قارىي تەربىيەلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئابدۇنەبىي قارىھاجىم گۈجەن دەرۋازىسى قېشىدىكى غوجام كۆل يېنىدىكى مەدرەسەدە (گۈمبەز مەدرەسە بولۇشى مۇمكىن) تالىبۇلئىلىملەرگە قىرائەت ئىلمى بويىچە دەرس بەرگەن. مەزكۇر مەدرەسەدە خوتەننىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدىن ۋە يەنە باشقا شەھەرلەردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان تالىبلار قىرائەت ئىلمىدە يېتىشىپ چىققان.
ئوقۇش پۈتتۈرگەن قارىيلار «ئىلچا، زاۋا، قاراقاش، ئاقساراي، كىرىيە، چوناق، لوب، ھانگىي، تاسمىچا، خانېرىق» دېگەندەك خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قايتىپ يۈزلىگەن تالىبلارغا قۇرئاننى ئۆلچەملىك تەجۋىد بىلەن ئۆگەتكەن.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنىڭ قۇرئان ۋە قىرائەت خىزمىتىدە تونۇلغان شاگىرتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئۇستازلارنى ساناشقا بولىدۇ:
ھالال باغ باسىيلىق قابىل قارىھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى نائىف قارىم. خوتەندىن ئوبۇلھەسەن قارىھاجىم، ئابدۇقادىر قارىم ھېيتگاھ، ئابدۇمەلىك قارىم، مەتروزى قارىھاجىم، ئابدۇجېلىل قارىھاجىم (ئۇچاتتىن بولۇشى مۇمكىن)، ئاكىسى مۇھەممەد ھاشىم قاراخۇنۇم (خوتەن ئالتۇن مەسجىد ئىمامى)، ئابدۇللاھ قارىم گەدەن، ئابدۇرېھىم قارىم (سەكسەن سۈننەت)، مەھمۇد قارىم پوتەي قاتارلىقلار؛ لايقىدىن ئابدۇلمەجىد قارىم،. تامىغىلدىن ياقۇپ قارىم، ئابدۇقۇددۇس قارىملار؛ سەيشەنبازاردىن ئابدۇللاھ قارىم ئىشان، ئابدۇلھەلىم قارىملار؛ ھاڭگىيدىن ئابدۇقادىر قارىم، تاسمىچىدىن ئابدۇغەنى قارىم، زاۋىدىن ئابدۇغاففار قارىم، ئابدۇقادىر قارىم ئالاقانات، ئابلىز قارىم، ئوبۇلھاشىم قارىم، سەيد ئەھمەد قارىم، داۋۇد قارىم قاتارلىقلار… ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۇستازلار سامپۇل، لوپ، دول، ھانگىي، تەۋەككۇل، كىرىيە، داكۇي، ئازنىبازار، لاسكۇي، خانېرىق… قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنىڭ كۈيئوغلى ۋە شاگىرتى بولغان مەرھۇم (ئاتام) رەھمەتۇللاھ مۇھەممەد ئەلى قارىھاجىم كاشغەرىينىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە: «ئابدۇنەبىي قارىھاجىم مەدرەسەدە قۇرئان ۋە تەجۋىد ئىلىملىرىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئىسلام ئاساسلىرىدىن ‹ئىلمىھال›، ‹قەسىدەتى بۇردە›، ‹مۇبەييەن› ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەرەبچە شەرئىي دەرسلىكلەرنىمۇ قۇرئان ۋە قىرائەت ئىلمىگە يانداشتۇرۇپ ئوقۇتقان».
1960 – يىللاردا بەزى شاگىرتلىرى ئۆزبېكىستانغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇ يەردە نۇرغۇن قارىيلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىم قۇرئانغا كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن خوتەن خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىززەتلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. خوتەن خەلقى ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنى شۇ دەرىجىدە ھۆرمەت قىلاتتىكى، ئەگەر ئۇ بىرەر كوچىدىن ئۆتۈپ قالسا، كوچىدىكىلەر تاكى قارىھاجىم ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر يولنىڭ قىرغىقىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇراتتى.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنىڭ چوڭ كۆل بېشىدا ئۆي ۋە باغلىرى بار بولۇپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى قارىھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە قىرائەت ئىلمى ساھەسىدە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى باھانە قىلىپ قولغا ئالغاندا مۇسادىرە قىلغان.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىم قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى قىلمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ، خەلقنى خىتتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ تۇرغان.
كوممۇنىست خىتتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغىنىدىن كېيىن مىللىي ئارمىيەنى تارقىتىۋېتىپ، 1957 – (ياكى 1958 -) يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى 100 گە يېقىن كاتتا ئۆلىمانى بېيجىنگە يىغىنغا ئاپارغان. يىغىن جەريانىدا ئىسلام ۋە ماتېرىيالىزم ھەققىدە كوممۇنىستلار بىلەن ئالىملار ئوتتۇرىدا (ئابدۇلخەبىر داموللام باشچىلىقىدا) كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىم باشقا ئۆلىمالارغا ئوخشاش (1958 – يىلى) مەزكۇر يىغىندىن قايتىشى بىلەنلا قولغا ئېلىنغان، ئاندىن قويۇپ بېرىلىپ، كېيىن يەنە قايتا قولغا ئېلىنىپ، خوتەن شەھەر ئىلچى ئارالدىكى (گوجەن دەرۋازىسى بىلەن دۆڭباغ ئارىلىقىدا) تۈرمىدە ئۈچ يىل قامالغان. ئابدۇنەبىي قارىھاجىم بىلەن بىللە تۈرمىگە قامالغان بەزى ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ تۈرمە خاتىرە – ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار تۈرمىدە ئابدۇنەبىي قارىھاجىمدىن پارسچە ئۆگەنگەنلىكىنى يازىدۇ.
«يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش» ۋە «ئىستىل تۈزىتىش» ھەرىكەتلىرىدە ئابدۇنەبىي قارىھاجىمغا كۆپ ئەزىيەت قىلىنغان. بىر مۇددەت داۋاملاشقان سوتلاشلاردا كېچىلەردە سەھنىگە چىقىرىلىپ، ئابلەت جۈيجاڭ، ھەسەن ھاجىلاردەك ساقچىلار، كادىرلار تەرىپىدىن پىپەن (كۈرەش) قىلىنغان ۋە ئابدۇكېرىم داموللىدەك مۇناپىق موللىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئازارلانغان. ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنى ۋە باشقا نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر ئۆلىمالارنى تۇتۇپ قىيناپ ئۆلتۈرگەن ساقچى باشلىقى ھەسەن ھاجى كېيىن سۈرىتى مۇبەددەل (ئادەم ئىسكەتىدىن ھايۋان ئىسكەتىگە كىرىپ قىلىش) بولۇپ خار ئۆلگەن.
1961 – يىلى تومۇز ئايلىرىدا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە خوتەن مۇساپىرزاراتلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر ھايات قالغىنى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، نەۋرە شاگىرتلىرىنىڭ بەزىسى ھايات.
جانابىي ئاللاھ شېھىد ئۇستازغا، ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا ۋە ئۇنىڭ قۇرئان خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدە ئىسلام نۇرىنى ئۆچۈرۈپ قويماي كەلگەن بارلىق شاگىرتلىرىغا رەھمەت قىلغاي! مەرتىۋىلىرىنى كاتتا قىلغاي!
تەييارلىغۇچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2020. 04. 30
مەنبە:
1. ئابدۇنەبىي قارىھاجىمنىڭ قىزى مەيمۇنە خان ھاجىم ۋە كۈيئوغلى (ۋە شاگىرتى) مەرھۇم رەھمەتۇللاھ مۇھەممەد ئەلى قارىھاجىم كاشغەرىي.
2. ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۈركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» دېگەن كىتابى (ئەرەبچە قوليازما نۇسخىسى).