خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنىڭ ئاپتورى دوكتور ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار يەنە بىر زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلدى.
12-دېكابىر ئېلان قىلىنغان 130 نەچچە بەتلىك «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» ناملىق دوكلات كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ئىلىن لىن (I-Lin Lin) تەرىپىدىن تەييارلانغان.
مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا، خۇسۇسەن شوخلا، قىزىلمۇچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىقى، بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن سىرت، يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغانلىقىدەك جىنايەتلىرى بايان قىلىنغان.
ئادرىيان زېنزنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ۋە ئەنگلىيە BBC قانىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى خەلقئارادا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى. يېقىندا BBC دا «شوخلا قىيامى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلىنەمدۇ؟: تاللا بازارلارغا تىزىلغان شىنجاڭ شوخلا قىيامىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغانىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان 14 نەپەر شاھىت ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، سودا مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەت قىلىنغان. فىلىمدا خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان شوخلا قىيامىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە بىڭتۈەننىڭ قارا قولى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.
2-دېكابىرBBC قانىلى خەلقئارادىكى پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشكە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قان بىلەن بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى، پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ياۋروپا بازىرىغىمۇ كىرىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغانىدى.
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن 25% ى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلماقتا.
خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 15-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىشقا كەلگەن خىتاي ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ما شىڭرۈي يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ: «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ بىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق» دەپ بىلجىرلىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىنغا 40 نەچچە دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. يىغىندا پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كالىر ھاشىمى، يەمەننىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد مېتامى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جانىش كانە قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ياقلىغان ئاساستا خىتاي سىياسىتىنى ماختىغان.
2024-يىلى 21-دېكابىر