خىتاي كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئىككى تەشكىلات ۋە 20 شەخسكە ئىمبارگو يۈرگۈزگەن

خىتاي دائىرىلىرى كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەشكىلات ۋە 20 شەخسكە ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق سەككىز نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. 

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» (Uyghur Rights Advocacy Project) ۋە «كانادا تىبەت كومىتېتى» (Canada-Tibet Committee) دىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلات ۋە ئالاقىدار 20 شەخسكە ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.  

ئىگىلىنىشىچە، ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شەخسلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، سىياسەت ۋە تەشۋىقات دېرىكتورى جاسمىن كېينت (Jasmine Kainth)، قانۇنى ۋەكىللىرى، سىياسىي مەسلىھەتچىلىرى ۋە تەتقىقات مەسلىھەتچىلىرى بولۇپ 15 كىشى بار ئىكەن. «كانادا تىبەت كومىتېتى» نىڭ رەئىسى سامپې لالۇڭپا (Samphe Lhalungpa) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىگىمۇ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 

ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە قارىتىلغان جازالار ئىچىدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، خىتايغا كىرىشىنى چەكلەش، شۇنداقلا خىتايدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن سودا ۋە ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىدە بولۇشىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ قارار 2024-يىلى 21-دېكابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەن. 

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ئىمبارگو قارارىنى خىتاينىڭ كانادادىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ خەۋەر قىلدى. 

 

2024-يىلى 22-دېكابىر