ئىستانبۇلدا ئىجتىھاتلىق ئۆلىما مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مول ئەمگەكلىرى بىلەن خەلققە تونۇلغان ئىجتىھاتلىق دىنىي ئۆلىما، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تەقدىرلەش ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

22-دېكابىر ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب)، «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟»، «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى، يۈزلىگەن ماقالە ۋە لېكسىيەلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دىنىي ئالىم، شائىر، يازغۇچى ۋە ئىستېداتلىق تەرجىمان مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنى تەقدىرلەش ۋە يېقىندا نەشرىدىن چىققان «تەپسىر جەۋھەرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجاتلى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ھاياتى، خىزمەتلىرى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرىدىن ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز ۋە سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرەھىم دۆلەت قاتارلىق ئۇستازلار «تەپسىر جەۋھەرلىرى»نىڭ روياپقا چىقىش جەريانى ۋە مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە بىر قىسىم ئىلىمسۆيەر زاتلارنىڭ مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمغا كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

6 kişi ve yazı görseli olabilir

2024-يىلى 23-دېكابىر