مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپاتىنىڭ سەككىز يىللىقىدا ئىستانبۇلدا ياد ئېتىلدى

22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇمھاجىم 2016-يىلى 22-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانىدى.

پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىللىگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن،شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ مۆيدىنئوغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتى، پىكىر-چۈشەنچىلىرى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى تەۋرەنمەس مەيدانى، ھەرىكەتچانلىق ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا: «مەن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن 1984-يىلىدىن 1988-يىلغىچە قاغىلىقتا بىللە ئوقۇدۇم، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئىسمى ئوخشاش بولغان قاغىلىقتىكى بۈيۈك دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ 1988-يىلى ئوقۇش پۈتتۈردى» دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجى مەخپىي ھالدا دىنى مەدرىسە ئېچىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىنى ساھەدە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە كۆپ ساندا ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ مىسىرغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان، 2003-يىلى مىسىردىن ئىستانبۇلغا كېلىپ بۇ يەردىكى بىر قىسىم ساۋاقداش ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە 2006-يىلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 1961-يىلى قاغىلىقتا تۇغۇلغان بولۇپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدا 55 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان ئىدى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، دەسلەپتە 2006-يىلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان، كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2011-يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى، 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىققان.

May be an image of 14 people, people studying and text

2024-يىلى 24-دېكابىر