كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلات ۋە شەخسلىرىگە قارىتىلغان ئىمبارگو قارارىنى ئەيىبلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئىلان قىلىپ، كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ۋە ئۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتقان 14 شەخسنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلاتقا جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سۆز قىلىپ: «بۇ دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرگە بىر جازا قويۇشتەك تىپىك قىلمىشى، ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ قىلغىنى پەقەت ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىنى ئالغان. بۇ جازا ئەمەلىيەتتە ‹ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى› قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ئىككى تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ 20 خادىمىنى جازا تىزىملىكىگە ئالغان. تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ 15 نەپىرى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» دىن، قالغان 5 نەپىرى «كانادا تىبەت كومىتېتى» دىن ئىكەن.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-دېكابىر بايانات ئىلان قىلىپ، خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلات ۋە شەخسلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ««كانادا ھۆكۈمىتى سىياسىي كۆز قاراش سەۋەبىدىن ياكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، كانادادىكى كىشىلەرگە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە دوستلىرىغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەھدىد، زوراۋانلىق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرگە يول قويمايدۇ».
باياناتتا: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك ئەيىبلەشلەرگە ئەھمىيەتلىك جاۋاب بېرىشكە چاقىردى. خىتاي چوقۇم خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. كانادا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايدۇ، ھەمدە خىتاينى داۋاملىق شۇنداق قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېيىلدى.
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى پارلامېنتى 25-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كانادا تىبەت كومىتېتى» ۋە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، شۇنداقلا 20 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئىككى تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ قەبىھ زوراۋانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ھەمدە تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2025-يىلى 25-دېكابىر