ئەزەربەيجاننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى روسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازاقىستاندا چۈشۈپ كەتتى

ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 25-دېكابىر چارشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرىگە يېقىن جايدا قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلان خادىمى ۋە يولۇچىلار بولۇپ 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئارقىدىن بۇ ئايروپىلاننىڭ روسىيە ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن «تاشقى فىزىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق ئارىلىشىش» نىڭ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەزەربەيجان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن روسىيەگە قاراشلىق چېچىنىيەنىڭ پايتەختى گروزنىغا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى روسىيە ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئۇچقۇچىلار جىددىي قونۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئايروپىلاننىڭ روسىيەدىكى بىرەر ئايرودرومغا قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئەكىسچە كاسپىي دېڭىزى ئۈستىدىن قازاقىستانغا قاراپ ئۇچۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇچقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئايروپىلان قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىغا كەلگەن ۋە شۇ يەردە چۈشۈپ كەتكەن. 

ئىگىلىنىشچە، ئايروپىلان ھادىسىسى روسىيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا قارشى ئىشلىتىپ كەلگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن.

مەنبەلەرگە قاراغاندا، گروزنىي ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 8432 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت ئاچقان، توپ ئوقى ئايروپىلاننىڭ يېنىدا پارتىلاپ، يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى زەربىگە ئۇچرىغان.

baku

ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاندا 62 نەپەر يولۇچى، 5 ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، جەمئىي 67 كىشى بار ئىكەن. ھادىسىدە 38 ئادەم قازا قىلغان. ئايروپىلان ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھايات قالغۇچىلار ئايروپىلاننىڭ كەينى يېرىمىدا ئولتۇرغانلار ئىكەن.

ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى باياناتىدا، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئايروپىلاندىكى 62 يولۇچىنىڭ 37 نەپىرىنىڭ ئەزەربەيجان پۇقراسى ، 16 نەپىرىنىڭ روسىيە پۇقراسى ، ئالتىسىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى ۋە ئۈچىنىڭ قىرغىزىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئەينى ۋاقتتا، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ۋە ئاقتاۋ ئايرودرومىدىكى كىىشلەر تارتىۋالغان سىنلار ئاممىۋى تاراتقۇلادا تارقالغان ئىدى. ئۇچقۇچىلار بىر نەچچە قېتىم ئايروپىلاننى كونترول قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئاخىرىدا قونۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. ئايروپىلان ئىچىنىمۇ ۋەھىمە قاپلىغان بولۇپ، بىر كىشىنىڭ شاھەدەت ئېيتىۋاتقان سىنى تارقالدى ۋە كيىنچە بۇ كىشىنىڭ ھايات قالغانلار ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

پۇتىن «كەچۈرۈم سورىدى»

ئىگىلىنىشىچە، 28-دېكابىر شەنبە كۈنى، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېفقا تېلىفۇن قىلىپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە «كەچۈرۈم سورىغان». 

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، پۇتىن ۋەقەنىڭ «روسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك كەچۈرۈم سورىغان ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سورىغان».

2024-يىلى 27-دېكابىر