شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق شۇرا يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 28-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۈزۈ رايونىدا باشلاندى.

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان شۇرا يىغىنى قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئالدى بىلەن بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆلىمالار بىر يەرگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك توغرا يولغا يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆلىمالار خەلقنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا كەلگەن ئەزىيەت، جاپالارغا چىداپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۆلىمالار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قۇرۇپ، مۇستەقىل تەشكىلات تەرىقىسىدە دەۋەت گۇرۇپپىسى، پەتىۋا گۇرۇپپىسى، تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى، تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىر قانچە بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ ئاخىرىدا ئۆتكەن يىللىق شۇرا يىغىنىدىكى قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن كېلەر يىللىق قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئالدىنقى بىر يىللىق قارارلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

471579965_1785778878903480_3433434845905598874_n

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات بىرلىكىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ 2024-يىلىدا قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆلىمالارنىڭ رولى، ئۆلىمالار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن داۋاملىشىدىكەن.

2024-يىلى 29-دېكابىر