(بۇ تىمىدا بۈگۈن "زىمىستان" تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىقىنىڭ تەرجىمىسى)
كۆك بايراق
ھەربىيچە كىيىملىرىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئورۇن ئالغان بىر توپ جەڭچىنىڭ سۈرىيەدىكى شامنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىدىن كېيىن غەلىبە تەن-تەنىسى قىلىشى ۋە بۇ تەن-تەنىسىدە قوللانغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى مىڭلارچە ئۇيغۇر قاتارىدا مېنىڭمۇ يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى:
---- بۈگۈن شامدا غەلىبە قىلدۇق، ئىنشائاللاھ، بۇ غەلىبىنى پات يېقىندا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا قازىنىمىز.... بۈگۈن شامدا، خۇمۇستا بەشەر ئەسەدنىڭ ياللانمىلىرى قاچقاندەك، ئەتە قەشقەردە، ئۈرۈمچىدە، ئاقسۇدا خىتاي كاپىرلىرى قاچىدۇ.
بۇ كۆرۆنۈش ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئەنگىلىيەنىڭ تېلېگىراپ گېزىتى يۇقارقى سۆزلەر ھەققىدە مۇنداق پىكىر بايان قىلىدۇ: " بەزەن ئىشلار دىيىشكە ئاسان، قىلىشقا ئاسان ئەمەس، خىتاينىڭ ئىككى مىليون ئەسكىرى بار، ئالدىنقى قاتاردىكى بىر ھەربىي كۈچ، بۇلار، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە قۇرۇلۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرەلىشى مۈمكىن....
تېلىگراپ مۇخبىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ شۇئارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش مۈمكىنچىلىكى بولغان، مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلغىنى: بۇ سەھنىدە نامايەن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي ئىرادە نامايىشى!
بۇ سەھنە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بېرى نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى بايازىت مەيدانى ئەمەس، گوللاندىيەدىكى دام مەيدانىمۇ ئەمەس، ۋاشىنگوتوىندىكى ئاقساراي ئالدىمۇ ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ 13 يىلدىن بېرى كۆزى تىكىلىپ تۇرىۋاتقان، خەلقئاارا ئاخبارانىڭ قىززىق نۇقتىسى ۋە مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان ئۇرۇش مەيدانى. بۇلارنىڭ ساداىسىدا ھازىرغىچە نامايىشلىرىمىزدا مەن ئاڭلاپ كەلگەن، بەزىدە مەنمۇ ئاۋاز قاتقان يېلىنىش يوق، ئېزىلىش يوق، مۇراجىئەت يوق؛ پەقەتلا خاتىرىلىتىش بار، ھەيۋە بار، مەردانىلىق بار.
دەل مۇشۇ پەرقتىن بولسا كېرەك، تېلىگراپتىكى بۇ ئۇيغۇر خەۋىرى بىر كۈندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۆرۈشىگە نائىل بولغان.
!
خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلغان ۋە ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقان تەدبىرى،دۇنياغا ئۇيغۇرنى ئۇنتۇلدۇرۇش. تاكى 2001 -يىلى 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەنگە قەدەر، رايوندا بولۇپ ئۆتكەن ئىسيان ۋە قارشىلىقلارنىڭ بىرسىنىمۇ ئاخباراتقا بەرمەسلىك، رايون خەلقىگە پاسپورت چەكلىمىسى قويۇش، چەتئەلگە چىقىۋالىغانلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن پۈتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى سەرپ قىلىش قاتارلىقلار، ئەنە شۇ ئۇيغۇرنى ئۇنتۇلدۇرۇش، خەلقئاارا كۈنتەرتىپكە ئەكەلمەسلىك ئۇرۇنۇشىنىڭ پەقەت بىرنەچچە مىسالى.
ئۇيغۇر جەڭچىلەر ، يۇقارقى شۇئارلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنىشىغا غەلىبىلىك بىر زەربە بەردى: يەر شارىدا مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار، مۇستەملىكە ئاستىدا شەرقى تۈركىستان دەپ بىر يەر بار!
خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرنى ئۇنتۇلدۇرۇشلا ئەمەس، ئۇيغۇرنى يەر يۈزىدىن ئۇن-تىنسىز ھالدا سۈپۈرىۋېتىش. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ چىرىتىش، قىسرلاشتۇرۇش بىلەن نوپۇسىنى تىزگىنلەش ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى پۈتۈن دىپلوماتىك كۈچى بىلەن توسۇش .... بۇ شۇم نىيەتنىڭ ئاشكارا بىرقانچە ئىپادىسى. ئۇيغۇر جەڭچىلەر، يۇقارقى شۇئارلىرى بىلەن، بۇ مىللەتنىڭ تېخى يوقالمىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ تۇرۇپمۇ مىللىي ئازادلىق ئىرادىسىنىڭ سۇنمىغانلىقى ۋە سۇنمايدىغانلىقىنى جاكالىدى.
ئەلۋەتتە بارلىق مىللەتلەردە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر جەمىيىتىدىمۇ پەرقلىق كۆزقاراشلار بار، بەزىلەر سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېلەچىگىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى،" ئۇيغۇرغا تېرولرۇق قالپىقى كەيۈدۈرۈش خىتاي تەشكىللىگەن" دېگەندەك سۈيقەست نەزىرىيەلىرىگە ئىشىنىدۇ. مەن ۋە يەنە بىر قىسىملىرىمىز، ئۇلارنىڭ مىللىي ئازادلىق جەڭچىلىرى ئىكەنلىكىگە، ئۇيغۇر داۋاسىغا كۈچ بېرىدىغانلىقى ۋە خەلقئاارا تېنچلىققا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز؛ ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز ۋە ئۇلارغا ئامانلىق تىلەيمىز.
12-20-2024
https://bitterwinter.org/uyghur-fighters-in-syria-a-uyghur-view/