شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11- قېتىملىق شۇرا يىغىنى، 2024- يىلى 27-29 دېكابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 تىن ئارتۇق بىرلىك ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلدى.
 
يىغىنىڭ 1- كۈنى ئەتتىگەن بىرلىكىمىزنىڭ 2024 – يىل ئىچىدە بىرلك ئىچىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەر تەرىپدىن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنڭ دوكىلاتى يىغىنغا قاتناشقان ئومۇمى ئەزالارغا سۇنۇلدى. يىللىق دوكلاتتىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كېيىين، مۇھاجىراتتىكى ئۇيغۇرلاغا قارىتا دەۋەت ئېلىپ بېرىش مىتودى، مەدرىسە ۋە كۇرسلارنىڭ تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىدە ئسىلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تىمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
 
يېغىننىڭ 2- كۈنى ئەتتىگەندە، بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىگە بەزى تۈزىتىشلەر كۈرگۈزۈلۈپ، تۈزۈتۈلگەن نۇسخىسى بىرلىك ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىندى. يېغىندا يەنە، بىرلىكنىڭ «ياشلار خىزمەت بۆلۈمى» تەسىس قىلىنىش بىلەن بىرگە (مەدرىسىلەر ئارا ئىستىشارە ۋ مەسلەھەت) بۆلۈمى تەسىس قىلىنىشى قارار قىلىندى. شۇنىڭدەك، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالچىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەيىن ئىكەنلىكىنى تەكرار تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆلىمالارنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە، بولۇپمۇ دەۋەت، تەبلىغ ۋە ھەر قايسى سورۇنلاردا «شەقىي تۈركىستان» سۆزىنىڭ تەسبىھگە ئوخشاش زىكىر قىلىنىشى، خەلقىمىزگە ۋە بارلىق ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بارلىق خزمەتلىرىدە ھەدەپىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىكى» ئاساسىدا بولىشى، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخىسلەر بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنى، مىللىي ئەخلاق- پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە، قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ داۋا ۋە خىزمەت يولىدىكى ئاساسلىق پېرىنسىپلىرى قاتارىدا كۆرۈشگە تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋام قىلدۇرش قارار قىلىندى.
 
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ئەزا ھەربىر ئۆلىمانىڭ، ئۆزنىڭ ئۆلىمالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، خەلق ئىچىدە ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، ھەرقانداق مەسىلىدە ئۈزى ئۆلگە بولۇپ ئۆلىمالارغا لايىق رەۋىشتە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشى تەكىتلەندى.
 
ئىككى كۈنلۈك يېغىن ئاخىرىدا، پەتىۋا بۆلۈمى، دەۋەت بۆلۈمى، تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى، تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى، مالىيە ۋە بايانات قاتارلىق بۈلۈملەر ئايرىم – ئايرىم بۆلۈنۈپ، مۇزاكىرە ئېلى بارغاندىن كېيىن، 2025-يىلى ئىچىدە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىنى بىكىتىپ چىقتى.
 
يۇقىرىدىكى مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن ئۆلىمالار بىرلىكى ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش قارارى ئالدى.
 
1- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.
 
2- ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، ئىسلام دۇنياسىىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئۇخۇۋۋەت ۋە ئۇممەت شۇئۇرىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىسلام ۋە موسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. خەلقئارادا تونۇلغان ئۆلىمالار بىلەن قەرەللك ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى جانلاندۇرۇش.
 
3- ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە تۈركىيە ئىچى ۋە تۈركىيە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.
 
4- باشتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە مەدرىسىلىرىدە دىنى ۋە مىللىي قىممەت قاراش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە پەرزەنتلىرىمزىنىڭ ھەر ساھەلەردە يېتىلىپ چىقشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىلارغا ئالاھىدە خىزمەت ئىشلەش، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللى جەھەتتىن شۇئۇرلۇق يېتىشىپ چىقشى ئۈچۈن ئوقۇش ماتىرياللىرى تەييارلاش ۋە مەدرىسىلىرىمىزنىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش.
 
5- ئىلاھىيات ساھالىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش قەرەللىك ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
 
6- ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ سىستىملىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىش.
 
7- خەلقىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىدىۋىي خىزمەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھەرخىل باتىل پىكىر ۋە ئېقىملارغا مايىل بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەۋەت ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، خەلقىمىزنى توغرا شەكىلدە يېتەكلەش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىش، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئائىلە بېغىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلىش.
 
8-خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، كىتاب، ژورنال، ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرىنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش.
 
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
 
2024-يىلى 30-دېكابىر