يېڭىدىن تەشكىللەنگەن سۈرىيە ئارمىيىسىدە ئۇيغۇر گېنېرال ۋە قوماندانلار يەر ئالدى

سۈرىيەدە بەشىر ئاساد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت سۈرىيەدىكى ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىگە قوشۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنغانلىقىنى ئىلان قىلدى. سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» شام شۆبىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئابدۇلئەزىز داۋۇت خۇدابەردى (زاھىد) سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 133-دىۋىزىيە گېنېرالى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، باشقا ئىككى ئۇيغۇرمۇ پولكوۋنىك بولغان. 

سۈرىيەدە 2011-يىلى ئاساد ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتىدە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن شامنى ئازاد قىلىش تەشكىلاتى (ھ ت ش، ھەئەت تەھىر ئەششام) پايتەخت دەمەشىقنى قولغا چۈشۈردى ۋە ئارقىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئەبۇ مۇھەممەد جەۋلانى دەمەشىق مەسچىتىدە نوتۇق سۆزلەپ، بارلىق «سۈرىيە خەلقنىڭ غەلبىسىنى» تەبرىكلىدى. سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئاسادنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىر سۈرىيە مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە دۆلەت ئارمىيسىدە ئۇيغۇر، ئىئوردانىيەلىك ۋە تۈرك ھەربىي ئەمەلدارلار يەر ئالغان. دەمەشىق دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى 50 دەك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە ئالتە نەپەر چەتئەللىك بار ئىكەن. 

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىمۇ بايانات ئىلان سۈرىيە دۆلەت ئارمىيىسىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گېنېرال ۋە پولكوۋنىكلارنى تەبرىكلىگەن. 

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پارتىيە ئەزالىرىدىن ئابدۇلئەزىز داۋۇت خۇدابەردى بىرىگادا كوماندىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن، مەۋلان تۇرسۇن ئابدۇسەمەت بىلەن ئابدۇسالام ياسىن ئەخمەت پولكوۋنىك بولغان. 

ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلادىن مەلۇم بولۇشىچە، گېنېرال زاھىد 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1996-يىلى قۇرئان كەرىمنى تاماملاپ مۇرەتتەپ قارى بولغان. 2021-يىلى سۇرىيەدە ھەربىي فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ھەربىي مەسئۇل ۋە قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېنېرال زاھىد 1996-يىلىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنىڭ مەسئۇلى بولغان، كېيىن سۇرىيەدە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا 2013-يىلى ھەلەب شەھىرى ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي گازارمىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش،  2015-يىلىدىكى جىسىر شۇغۇر شەھىرى ۋە ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنى قايتۇرۇۋېلىش، 2016-يىلىدىكى ھەلەب شەھىرى مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش، 2018-يىلىدىكى سۇراقىبنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونى جېڭى، 2020-يىلىدىكى نېيرابنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە جەبەل زاۋىيە رايونلىرىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك جەڭلەردە ھەربىي قوماندان بولۇپ، نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. 2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان «تاجاۋۇزچىلارنى چېكىندۈرۈش» ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىدلىب فىرونتنىڭ باش قوماندانى بولغان. پايتەخت دەمەشقنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن يول ئېچىشقا سەۋەب بولغان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ھاما ۋە ھومۇس ۋىلايەتلىرىدىكى جەڭلەرگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ئالەمشۇمۇل ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شام شۆبىسى سۇرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك  قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ جەرياندا ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە سۇرىيە خەلقىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام بىلەن بىرگە جىھاد قىلغان. جامائەت يېقىنقى كۈنلەردە تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام بىلەن بىرگە تۈرلۈك جەڭلەرگە قاتناشقان.

11-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى قوزغىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا،  تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقالغانىدى. يەنە بىر سىندا  بولسا ئۇلارنىڭ تانكا ھەيدەپ، ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقلارنى لەپىلدەتكەن ھالدا دەمەشققە كىرگەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەيمەن جەۋاد ئەل تەمىمىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، سۇرىيە قوزغىلاڭچىلارنىڭ غەلىبىسىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى كۆرۈنەرلىك  رول ئالغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە ھ ت ش نىڭ سۈرىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىشى دۇنيادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قوشۇن سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە خىتايغا قارشى باياناتلىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

2024-يىلى 31-دېكابىر