خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلىشى دىققەت تارتتى

خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىگە خىتايچە نام بېرىلگەن. بۇ ناھىيەلەردىن بىرى ھىندىستان چېگرىسىغا يېقىن بولغان ئاقساي چىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئورگان تورىدا 27-ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 27-دېكابىر قىلىنىشىچە، «خېئەن ناھىيەسى» (和安县) ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» (和康县) دەپ خىتايچە نام بېرىلىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىككى ناھىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا خېئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى يۇلغۇن بازىرىغا، خېكاڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بولسا گۇما ناھىيەسىدىكى شەيدۇللاھ بازىرىغا جايلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، كوئىنلون تېغى ئېتەكلىرىگە جايلاشقان. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەتتە ناھىيە ۋە بىر شەھەر بار بولۇپ، ئۇلار غەربتىن شەرققە تەرتىپ بويىچە گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى ئىدى. 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، ھەرقايسى ناھىيە-ۋىلايەتلەردە مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامىنى ۋە تەۋەلىكىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىش، خىتايچىلاشتۇرۇش، كۆپەيتىش ياكى قىسقارتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى پەردازلاش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، كونتروللۇق ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

chinaindiaborder

خوتەندە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان، بولۇپمۇ بۇ ناھىيەلەرنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق چېگرا رايونىغا يېقىن بولۇشى تاراتقۇلارنىڭ نەزىرىدىن قاچمىغان. «دەككان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، «خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ھىندىستان زېمىنى ئاقساي چىندە يېڭى ناھىيە تەسىس قىلىندى» دېيىلگەن. 

2024-يىلى 31-دېكابىر