شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىستانبۇلدا جەم بولدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ساھىبخانلىقىدا تۈركىيە ۋە تۈركىيە سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى.
 
2024- يىلى 31- دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى مەسئۇلى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان پاشىست ۋە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالمىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بىرى، كۆرۈۋاتىمىزكى، خىتاي جاللاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا داۋام قىلماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا يېتەرلىك ھەرىكەت ۋە قارشىلىق كۆرسىتەلمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ۋەتەننىڭ ئىستىقلالى ۋە ۋە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكىنى قولىمىزغا كەلتۈرۈشتە بىزنىڭ مۇنتىزىم بىر ھەرىكەت پىلانىمىزنىڭ بولماسلىقى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلماسلىقى، بەزى تەشكىلاتلار ئارىسىدا بەزى بىر ئىختىلاپلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى بىزلەرنى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قويىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇچرىشىش ۋە ئۆز-ئارا سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ ئورتاق ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىمىزغا ۋەسىلە بولىدۇ، دەپ قارايمەن. بىزنىڭ بىرلىكىمىز ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقىمىز، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
 
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە: «بۈگۈنكىدەك ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزئارا ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش بىرلىكىمىز ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
 
ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ سۆزىدىن كېيىن، دوستانە ئۇچرىشىش زىياپىتىگە قاتناشقا باشقا تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن دەۋىتىمىزنى ئىجابەت قىلىپ قەدەم تەشرىپ قىلىغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، سۈرىيەدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە دىكتاتور زالىم رېجىمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كۆتۈرگەنلىكىدىن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا يۇقىرى ئۇنۋان بىرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ۋە ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى نۆۋەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇش بولىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
 
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئىنتايىن سەمىمىي ۋە دوستانە مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىنى قانداق قىلىپ غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ۋە خەلقئارادىكى بەزى ئۆزگۈرۈشلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشىتى. ئاخىرىدا كۆپ ساندىكى تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇ ئۇچرىشىشنى داۋام قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ھېچ بولمىغاندا، خىتايغا قارىشى ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش، ھېيت - بايرام، مىللىي مۇستەقىللىق كۈنلىرىمىز ۋە بىر قىسىم يىغىنلارنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
 
2025-يىلى 2-يانۋار