ھىندسىتان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خوتەندە ئىككى يېڭى ناھىيە تەسىس قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرى ۋە بۇ ناھىيەلەرنىڭ ھىندسىتان فېدېراتسىيە زېمىنى بولغان لاداخنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي شىنخۇا تورى 2024-يىلى 27-دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغانلىقىنى، خېئەن ۋە خېكاڭ ئىسىملىك ئىككى ناھىيەنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي-ھىندىستان چېگرىسىدا ئىككى يېڭى ناھىيە تەسىس قىلىنغانلىقىغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى راندىر جايسۋال (Randhir Jaiswal) تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: «ئاتالمىش ناھىيەلەر» نىڭ بىر قىسىم جايلىرى لاداخنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، ھىندىستان «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھىندىستان زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىدى». ئۇ ھىندسىتاننىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
باياناتچى يەنە خىتاينىڭ تىبەت ۋە ھىندىستان زېمىنىدىن ئۆتىدىغان يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىدا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى قۇرۇش پىلانىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن ھىندسىتان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرىسى بولغان ئاقساي چىن ۋە لاداخ رايونلىرىنى چۆرىدىگەن بىر قاتار چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەردى. 2020-يىلى مايدا يۈز بەرگەن بىر چېگرا توقۇنۇشىدا ھىندىستان ۋە خىتاي تەرەپتىن 20 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلگەن بولۇپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخى 18-دېكابىردا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
2025-يىلى 3-يانۋار