تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
مۇھەررىر: ئابدۇرېھىم دۆلەت
2025 -يىلدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغاندەك قىلىدۇ. ترامپنىڭ ئالدىنقى دەۋرىگە خاس بولغان قاتتىق قول ۋە جېدەلخور رەھبەرلىك ئۇسلۇبى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ ئالدىنقى نىشانلىرىنىڭ بىرى «ئامېرىكا بىرىنچى» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ھەر خىل ساھەلەردە خىتايغا قارشى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ نىشان ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق، مۇداپىئە تېخنىكىلىرى ۋە دۇنياۋى دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى جەھەتتە يېڭى توقۇنۇش لىنىيەلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي باغلىنىشلار ھەل قىلىش تەس بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئېھتىياجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 2025-يىلدىن كېيىنكى مۇمكىن بولغان سېنارىيەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە بۇ سېنارىيەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ئانالىز قىلىنىدۇ.
كۈچىيىۋاتقان زىددىيەت ۋە سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى
دونالد ترامپنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە باشلانغان سودا ئۇرۇشى خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي بېسىم قورالى سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانىدى. بۇ ئىستراتېگىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان يۇقىرى تاموژنا بېجى، تېخنىكا يۆتكەشتىكى چەكلىمىلەر ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى قاتتىق تەنقىدلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. ترامپ ئىككىنچى قېتىم سايلانغان ئەھۋالدا بۇ سىياسەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.
ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ دائىرىسى
يېڭى تاموژنا باجلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە يېيىلىشى ۋە مۇھىم تېخنىكا ساھەلىرىدە ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئېھتىماللىقلار ئىچىدە. خىتاي «Made in China-2025» ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە تېخنىكا يۆتكەش ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشقا دىققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ بېسىملارغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ خىتاي بازىرىغا كىرىش جەھەتتە قوشۇمچە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكى (USTR) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار [<https://www.ustr.gov/>]
دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىرى
سودا ئۇرۇشىنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىشى دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي جىددىيچىلىك، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاقسىتىپ قويۇشى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ تەرەپ تاللاشقا مەجبۇر بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال دۇنياۋى شىركەتلەر ئۈچۈن مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىشى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: خەلقئارا پۇل فوندى دۇنيا ئىقتىسادىي كۆزىتىش دوكلاتى (2023).
قىسمەن ھەمكارلىق ۋە رىقابەت تەڭپۇڭلۇقى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر رىقابەت خاراكتېرلىك بولسىمۇ، دۇنياۋى مەنپەئەتلەر تەقەززا قىلغان ھەمكارلىق ساھەسىگىمۇ ئىگە. بولۇپمۇ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە دۇنياۋى ۋابالارنى بۇ ئورتاق ساھەلەرنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن دەپ ساناش مۇمكىن.
ئورتاق كۈنتەرتىپلەر
– شىمالىي كورىيە مەسىلىسى: شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى رايون مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان مەسىلە. ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇ نۇقتىدا ئۆزئارا ماس قەدەملەرنى ئېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: RAND شىركىتى، شىمالىي كورىيە ئىستراتېگىيە ئانالىزى (2023).
– كىلىمات ئۆزگىرىشى: خىتاي ۋە ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كاربون چىقارغۇچىلىرى سۈپىتىدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئىگە. ترامپ دەۋرىدە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۈچلۈك ھەمكارلىقلار بولماسلىقى، پەقەت مەلۇم ساھەلەردىلا چەكلىك قەدەملەر تاشلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: ب د ت ئىقلىم ئۆزگىرىشى دوكلاتى (UNFCCC, 2024).
– ۋابا تەييارلىقى: COVID-19 تەجرىبىسى دۇنياۋى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىغا قارشى ئورتاق ئىستراتېگىيە تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساغلاملىق ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
مەنبە: دۇنيا ساغلىقنى ساقلاش تەشكىلاتى (WHO) ۋابا دوكلاتى (2023).
رىقابەت ساھەلىرى
بۇ ھەمكارلىق مۇھىتىغا قارىماي، سۈنئىي ئەقىل، كۋانت ھېسابلاش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىلىرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدىكى رىقابەت چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ بۇ تېخنىكىلارنى ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك سۈپىتىدە كۆرمەكتە.
مەنبە: CSIS تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات دوكلاتى (2024).
ئومۇمىيۈزلۈك ئايرىلىش (Decoupling)
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايرىلىشى ۋە ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق نىشانلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ئىشارەت قىلىشى مۇمكىن. بۇ «ئايرىلىش» ئىستراتېگىيەسى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكىلىق ۋە مالىيە ساھەلىرىدە بىر-بىرىگە بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىشقا قارىتىلغان قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايرىلىشى
ئامېرىكا مۇھىم تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇش ۋە خىتايغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن شىركەتلىرىنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېڭى سودا كېلىشىملىرى تۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىستراتېگىيەنى قوللىشىمۇ مۇمكىن.
مەنبە: دۇنيا بانكىسى تەمىنلەش زەنجىرى دوكلاتى (2024).
مالىيە تەسىرلىرى
ئامېرىكا دوللارغا بولغان تايىنىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە خىتاينىڭ يۈەننى خەلقئارالىق زاپاس پۇل بىرلىكى قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى توسۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايغا تەۋە شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا مالىيە سىستېمىسىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇشى مۇمكىن. خىتاي بولسا، يۈەننىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ «بىربەلباغ ۋە بىر يول» تەشەببۇسى دائىرىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مالىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش يولىغا مېڭىشى مۇمكىن. بۇ جەريان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: خەلقئارا پۇل فوندى ۋە دۇنيا بانكىسى مالىيە نەزەر دوكلاتلىرى (2023).
يېڭى سوغۇق ئۇرۇش
ترامپنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان گېئوپولىتىك تەسىرى ۋە مۇستەبىت باشقۇرۇش مودېلى، ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى قوغدايدىغان قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇشى مۇمكىن.
ھەربىي جىددىيلىكلەر
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، تەيۋەن بوغۇزى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر كۈچىيىشى مۇمكىن. ترامپ ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە خىتايغا قارشى توسۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە چىقىمى ئاجرىتىشى، خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: CSIS جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئانالىزى (2024).
دىپلوماتىك توقۇنۇشلار
ترامپنىڭ كەسكىن بايانلىرى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق مەسىلىلەر تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دىپلوماتىك كىرىزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن تېخىمۇ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تاشقى سىياسەتتە ئىستراتېگىيەلىك قورال سۈپىتىدە قوللىنىشى، بۇ مەسىلىنى خەلقئارالىق سەھنىدە تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى بۇ نۇقتىدا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا زورلىشى ئۈچۈن ئاساس بولۇپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىلا ئەمەس، خىتاينىڭ دۇنياۋى ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش پوتېنسىيالىغا ئىگە.
مەنبە: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتلىرى (2024).
خۇلاسە
2025-يىلدىن كېيىنكى ترامپ دەۋرى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ھەر خىل سېنارىيەلەرنىڭ شەكىللەنگەن مەزگىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سېنارىيەلەر ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تاللىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى ۋە دۇنياۋى رەھبەرلىك ئىدىيەسى، خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۈچى بىلەن مۇقەررەر ھالدا يۈزمۇيۈز كەلمەكتە. بۇ جىددىيچىلىك دۇنيانى يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق ئىزدەشكە يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن.
2025-يىلى 3-يانۋار