«دەۋا» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. ئەنقەرە
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە سۈرىيە ۋە غەززە مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، تۈركىيەدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
29-دېكابىر كۈنى «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى پەلەستىنلىكلەر ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىردى.
ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «يۈرىكىمىزدە بىر يارا بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندۇر. بۇ يارا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان، كۆز-ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغان، ئۆز ۋەتىنىدە ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يارىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىم سىياسىتى ئاخىرى زور تىراگېدىيەگە ئايلاندى. ئۇلار ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى خىتايدەك بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇ خىتاينىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر».
پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى باياناتىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەك. بىز، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دەرھال شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتى بىر مىللەتنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى ئاياق ئاستى قىلىدۇ. ھەممە مىللەت ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مۇھىتىدىن ئەركىن نەپەس ئالالايدىغان بىر دۇنيا قۇرغىلى بولمامدۇ؟ بۇ سوئالنى سورىغىنىمىزدا يۈرىكىمىز ئېچىشىدۇ، كۆزىمىز ياش بىلەن تولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەم بىزنىڭمۇ ئۇيقۇمىزنى قاچۇرماقتا. خىتاي بۇ زۇلۇمنى دەرھال توختاتسۇن! كىشىلىك ھوقۇق دۇنياۋىيدۇر. چېگراسى بولمىغان بۇ خەلقئارالىق خىتابنامىگە خىتاينىڭمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھېچقانداق بىر كۈچ ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالماسلىقى كېرەك!».
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. 2015-يىلىغىچە پىرېزىدېنت ئەردوغان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ھەتتا 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەر ۋاقىت غەززە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى.
پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى مەتبۇئات باياناتى يىغىنىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەرەبلەرگە ئىگە چىققاندەك تۈركلەرنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەك. سۈرىيەلىكلەرگە ئىشىكىمىزنى ئېچىپ، ئۆز قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقماسلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرىدىن سورايمىز: بۇ ئەھۋاللار راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا مەزلۇمنى زالىمغا تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئاخىرەتتىمۇ جازاسى بەك ئېغىردۇر. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قوللىغاندەك ئۇيغۇرلارنىمۇ قوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىمىزدۇر».
بۇ قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى بىزنىڭمۇ پەريادىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭمۇ قايغۇمىزدۇر. بۇ زىيارىتىڭىز ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىكى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بىزنىڭ كۈرىشىمىز ئىنسانلىق غۇرۇرىغا ئىگە چىقىش كۈرىشىدۇر. خىتاينىڭ زۇلۇمى تۈگىمىگىچە، بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز داۋام قىلىدۇ. بىز ھەر دائىم ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يېنىدا. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمىز».
پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (TRT) نىڭ ئۈچىنچى قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ھەمبەھىرلەندى.
ئەركىن تارىم
2025-يىلى 1-يانۋار