كۆك بايراق
(بۈگۈن «زىمىستان» تورىدا چىققان مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى)
يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۈچ ئۇيغۇر قومانداندىن بىرىنى مايور گېنىراللىققا، ئىككىسىنى پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈردى. خوش، نىمە مەنا چىقىدۇ، بۇ تەرەققىياتتىن؟ گەپنى مۇنداق باشلايلى: سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار پاناھلانغۇچىمۇ، جەڭچىلەرمۇ؟
بۇ سوئالنىڭ قىسمەن جاۋابى، ئۇيغۇر جەڭچىلەر لازىقىيە شەھىرىنى قولغا چۈشۈرگىنى كۈنى يەرلىك ئاھالىلەرگە خىتاپ قىلغان ئۇيغۇر قومانداننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن تېپلىدۇ:
--- بىز سىلەرنىڭ مۇھاجىر قېرىندىشىڭلار، بىز شەرقى تۈركىستاندىن كەلدۇق. خىتاي بىزنى تۈرمىلەرگە تاشلىدى، ئۆلتۈردى، نەپەس ئالغىنى قويمىدى... . بىز سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشىۋاتىمىز، ئەمما بىز بۇ يەردە ئىنقىلاپ باشلانغاندىن بۇيان بار...دېگىنىمىزدەك، بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمزىدىن ئايرىلدۇق، سىلەر بىزگە قۇچاق ئاچتىڭلار، سىلەر بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بولدۇڭلار..... بىز بۇ يەرگە سىلەرنى بىسەرەمجان قىلغىلى كەلمىدۇق، 10 يىلدىن بېرى بىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى ياندۇرغىنى كەلدۇق، سىلەرنى ئەسەتنىڭ ئەسكەرلىرىدىن قۇتۇلدۇرغىلى كەلدۇق، بىز سىلەرنى تاشلاپ كەتمەيمىز، جېنىمىزنى تىكىپ قوغدايمىز....
بۇ بايانلاردىن مەلۇمكى، بۇلار ھەم پاناھلانغۇچى ھەم جەڭچى!
ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىق يوقۇتۇشقىلا سەۋەپ بولمايدۇ، بەزىدە گېنىرال ۋە پولكاۋنىكلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكىمۇ بولۇپ قالىدۇ.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار پاناھلانغۇچىمۇ، جەڭچىلەرمۇ؟
بەش يىل بۇرۇن سۈرىيەدىكى بىر يۇرتدىشىمدىن تېلىپون كەلدى، ئۇ ۋەتەندىكى بىر ئىنىمنىڭ دوستى ئىدى. ئاكىلىق سۈپىتىدە ئۇنى سوراققا تارتتىم:
---- خوتۇن -بالاڭنى ئۇرۇش رايونىغا ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق تەلۋىلىكنى نىمىشقا قىلدىڭ؟!
ئۇ سالماقلىق بىلەن جاۋاپ بەردى:
---- بۇ يەر بىزنىڭ ۋەتەندىن بىخەتەر، شۇنىڭ ئۈچۈن. مەسىلەن، بۇ يەردە ساقچىلار يېرىم كېچىدە ئۆيۆڭگە بېسىپ كىرىپ بالىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قولۇڭنى باغلاپ ئېلىپ كېتىش يوق؛ بۇ يەردە سەن ئۆتكۈزگەن "جىنايەت" ئۈچۈن ئايالىڭنى ئاپىرىپ قاماپ قويۇش يوق؛ بۇ يەردە بالاڭ 18 ياشقا كىرگەندە "خەتەرلىك ئەۋلاد" دەپ لاگىرغا ئېلىپ كېتىش يوق؛ بۇ يەردە داداڭنى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى بەرمەيدىغان ئىش يوق!!! پەقەت ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر ئۈستۈڭگە ياكى ئەتراپىڭغا بومبا چۈشىدۇ؛ رىسقىڭ بولسا ساق قالىسەن، بولمىسا ئۇ دۇنياغا ئۇزايسەن بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە؛ يىللاپ ئىچىڭگە ئاچچىق يۇتۇش يوق، ئاچچىقتىن يۈرەك زەرداپ بولۇش يوق. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يەردە دۈشمىنىڭ ئوق ئاتسا، قوينىڭ قوزىسىدەك مۆلدۈرۈلەپ تۇرۇپ بېرىش يوق، دۈشمىنىڭ ساڭا 10 پاي ئاتقان يەردە، سەن ئۇنىڭغا بىر پاي بولسىمۇ ئوق ئاتالايسەن!!!
بۇ يازغانلىرىم، ئۇنىڭ سۆزىنىڭلا ئەمەس، ھېسسىياتىنىڭمۇ تەرجىمىسى. ئوخشاش پۇراقتىكى گەپنى ئىلگىرى غايىپ ئوغلىنى ئىزدەپ يۈرگەن پاتىگۈل غۇلامنىڭمۇ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم:
---- سۈرىيەلىك ئانىلار مەندىن بەخىتلىك ئىكەن، چۈنكى ئۇلار بالىسى ئۆلسە جەسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. سۈرىيەلىك ئانىلار مەندىن تەلەيلىك ئىكەن، چۈنكى بالىسى تۈگەپ كەتسە يىغلىيالايدىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار يىغلىسا، پۈتۈن ئاخباراچىلار دىققىتىنى بېرىدىكەن، بىزدە مىڭلاپ ياشلىرىمىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتسە، كېلىپ سورايدىغان بىر مۇخبىر يوق.
شۇڭا، ئىنىمنىڭ ئاغىنىسىنىڭ يۇقارقى گەپلىرىدىن كېيىن ئاۋازىمنى بىراز يۇمشاتتىم:
---- دېمەكچى بولغۇنۇم ئۇكام، ھامىنى چەتئەلگە چىققان بولغاندىكىن، ئامېرىكا- ياۋروپا تەرەپلەرگە كېلىشكە بىر ئۇرۇنۇپ باققان بولساڭ، تېنچ-خاتىرجەم ياشىساڭلار...
گېپىمنىڭ ئاخىرى چۈشمەستىنلا گەپ قاتتى:
--- ئاكا سىلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ھازىر تېنچ-خاتىرجەممۇ؟!--- سوئال ناھايىتى يۇمشاق سورالغان بولسىمۇ، تولىمۇ مەسخىرىلىك دېدى. چۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا ئىنىمنى سورىغان ۋاقتىدا، ئىنىممۇ قېتىلىپ ئائىلىمىزدىن 8 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل دەرتنىڭ مۇھاجىرەتتە خېلى ئومۇمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدىم. ئۇ مېنى تېخىمۇ ئوسال ھالغا چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن، گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
---- ئەسلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان يەرنىڭ ئۇرۇش رايونىدىنمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى، شۇڭا سۈرىيەگە ئايال-بالىلىرىمىزنى بىللە ئېلىپ كېلىشنىڭ ھەيران قلارلىق يېرى يوق ئىدى.
ئاخىرقى لوگىكىنى رەت قىلىشقا مېنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىم يەتمىدى.
ئۈچ ئۇيغۇر قومانداننىڭ گېپىگە قايتايلى- مايور گېنىرال ئابدۇلئېزىز داۋۇت خۇدابەردى، پولكوۋنىك مەۋلان تۇرسۇن ئابدۇسەمەت ۋە ئابدۇسلام ياسىن ئەخمەدلەر، بۇ ئورۇنغا ياخشى بىر پاناھلانغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، قەھرىمان جەڭچى، ياراملىق قوماندان بولغانلىقى تەيىنلەندى؛ بۇ ۋەزىپە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ بېرىلمىدى، جەڭگاھتىكى تۆھپىسىگە قاراپ؛ بۇندىن كېيىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەجىرىبىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بېرىلدى.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ماتېرىياللىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇلئەزىز داۋۇت خۇدابەردى، ھەلەپتىكى ئەسەتنىڭ ھەربىي بازىسىنى قولغا چۈشۈرۈش، ئابۇزەبىر ئايرۇدۇرۇمنى قولغا چۈشۈرۈش، ئىدلىپ شەھىرىنى ئازاد قىلىش قاتارلىق 20 نەچچە ھالقىلىق جەڭدە قوماندانلىق قىلغان. ئۇيغۇر جەڭچىلەر ئاخىرقى ئۇرۇشلاردا، ھاما، ھۇمۇس، لازىقىيە شەھەرلىرىنى ئازات قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، دەمەشىقنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا يول ئاچقان. بۇ ئەھۋال، بايىقى لازىقىيەدىكى قومانداننىڭ ئېغىزىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
---- بىزنىڭ (ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ) بىر قىسمىمىز لازىقىيەگە كەلدۇق، بىر قىسىمىمىز دەمەشىققە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسمىمىز غەرپ تەرەپكە قاراپ....
بىرقانچە يىل بۇرۇنقى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ باشقا گۇرۇپتىكىلەرگە قارىغاندا، جەڭگىۋار ئىكەنلىكى، بۇنداق بولۇشىغا، ئۇلاردىكى كۈچلۈك ئېتىقاد ۋە كەينىگە چېكىنىش يولى بولماسلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى بايان قىلغان ئىدى. مەنچە، بۇلارنىڭ قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان يەردىن كەلگەن بولۇشى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چارە ئىزدەۋاتقان بولۇشى، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل. چۈنكى ھاياتتا ئىلكىڭدىكى ھەممە نەرسىنى يوقۇتۇپ قويغان، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ۋاقتىڭدا، بۇ دۇنيانىڭ تارتىشقۇدەك بىر يېرىمۇ قالمايدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مىڭلارچە پاكىت ئوتتۇرىغا چىقتى، ئەمما ب د ت دا يەنىلا، بۇ قىرغىنچىلىققا ئىشەنمەيۋاتقانلار بار. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى ۋە ياڭراتقان ساداسى، يەنى كىشىلەر قېچىۋاتقان ئۇرۇش رايونىغا كېلىپ جان ساقلىشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە ئىنكار قىلىنماس دەلىلى.
بۇ ۋەزىيەتتىن خىتاي ئالىدىغان بىرنەچچە دەرس بار: قىرغىنچىلىق ھەر ۋاقىت يوقۇتۇش رولىنىلا ئوينىمايدۇ، بەزىدە گېنىرال ۋە پولكۋنىكلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈركە بولىدۇ...
قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى "دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار" دەپ ساختپەزلىك قىلغىنى بولىدۇ، ئەمما، دەمەشىقتە بولغاندەك، ۋاقتى كەلگەندە، "خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز" دەپ ھەقىقىي رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا ئاچىقىدۇ. قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپمۇ دۇنيادىكى بىر تۈركۈم دىكتاتورلارنىڭ، مەنپەئەتپەرەست كاپىتالىست ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن، خىيال قىلىۋاتقىنىدەك، دۇنيانىڭ خوجىسى بولالمايدۇ، ئەكسىنچە ئۆزىنىڭ گۆرىنى چوڭقۇرلاپ قازىدۇ......
https://bitterwinter.org/
2025-يىلى 7-يانۋار