ئامېرىكا تېڭشۈن قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېڭشۈن، نىڭدې قاتارلىق خىتاينىڭ بىر قىسىم پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-يانۋار خىتاينىڭ تور ئويۇنى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتى تېڭشۈن شىركىتى ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى نىڭدې دەۋر شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىگە ھەمكارلاشقان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە دېيىلىشىچە، جازا تىزىملىكى ​​يەنە ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى چاڭشىن ساقلىغۇچ تېخنىكا شىركىتى، يىيۈەن ئالاقە شىركىتى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى داۋتۇڭ شىركىتى قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«1260H» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تىزىملىك ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قانۇنىغا ئاساسەن ھەر يىلى چوقۇم رەسمىي تۈزۈلۈشى ۋە يېڭىلىنىشى كېرەك ئىكەن. فېدېراتسىيە تىزىملىكى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ تىزىملىككە 134 شىركەت كىرگۈزۈلگەن.

تېڭشۈن شىركىتى خىتاينىڭ داڭلىق ئالاقە ئەپ دېتالى «ئۈندىدار»نىڭ ئانا شىركىتى بولۇپ، تېڭشۈننىڭ ئامېرىكىدىكى پاي چېكى تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا %8 تۆۋەنلىگەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىركەتنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ ئېنىق خاتالىق ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان. تېڭشۈن باياناتىدا يەنە: «بىز ھەربىي سانائەت شىركىتى ياكى ھەربىي ئۈسكۈنە تەمىنلىگۈچى شىركەت ئەمەس. جازا ياكى ئېكسپورت كونتروللۇقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ تىزىملىك ​​بىزنىڭ سودىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن.

نىڭدې دەۋر شىركىتىمۇ بۇ جازا تىزىملىكىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ۋە شىركەتنىڭ ھېچقانداق ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. مەزكۇر تىزىملىك ھەققىدە باشقا شىركەتلەر ۋە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى مۇخبىرلارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باياناتچىسى گو جياكۈن 7-يانۋار مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تىزىملىكلەرنى تۇرغۇزۇپ، خىتاي شىركەتلىرىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى، بۇ خاتالىقلىرىنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.

2024-يىلى 9-يانۋار