ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاگنېتلىقى» 11-نويابىردىكى خەۋىرىدە تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغان تەقدىردە دەپسەندىچىلىك ۋە قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن بىر مەكتۇپتا، باڭكوكتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 43 ئۇيغۇر ئەر ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلار تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرۇلۇش ھۆججەتلىرىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز تۈرمىگە تاشلىنىشىمىز مۇمكىن، ھەتتا ھاياتىمىزدىن ئايرىلىشىمىز مۇمكىن، بىز كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ دەرھال ئارىلىشىپ، بەك كېچىكىشتىن بۇرۇن بىزنى بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇشىنى جىددىي مۇراجىئەت قىلىمىز».
مەلۇم بولغىنىدەك، 2014-يىلى خىتاي زۇلمىدىن قاچقان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدا قولغا ئېلىنغان. 2015-يىلى تايلاند 109 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىللەنگەن 173 ئۇيغۇر كېيىنچە تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. شۇ ۋاقتتىن بۇيان، 53 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتىكى ئوخشاش بولمىغان كۆچمەنلەر مەركەزلىرىدە ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان. بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇر قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا بار.
ئىگىلىنىشىچە، ھېلىھەم 48 نەپەر ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن بەش نەپىرى قېچىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنلىرىدىن نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. ئۇلار ناچار تاماق، قىستى-قىستاڭ ۋە تىنجىق كامېرلاردا تۇتۇلۇش، ھاجاتخانا كەمچىل بولۇش، چىش پاستىسى ۋە ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەخسىي تازىلىق سايمانلىرىغا ئېرىشەلمەسلىك، ئائىلىسى، ئادۋوكاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشمە ئاگېنتلىق ئېرىشكەن ئاۋاز ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىدە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 8-يانۋار ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرۇلۇش ھۆججىتىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، 2015-يىلى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغىمۇ بۇ خىل ھۆججەت سۇنۇلغان، لېكىن ئۇلار ئىمزالاشنى رەت قىلغان.
بىر پارلامېنت ئەزاسى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان ئىككى كىشىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھازىر بۇنداق بىر ئىشقا تۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەب بۇ يىل خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ئىكەن، شۇنداقلا ئامېرىكىدا يېقىندا پرېزىدېنت ئالمىشىدىغان بولغاچقا ۋاشىنگتوندىن كېلىدىغان ئىنكاس كۈچلۈك بولمايدىكەن.
2025-يىلى 11-نويابىر