تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى: ئاكتىپ ۋە پىنسىيەگە چىققان ھەربىي خادىملار خىتاينىڭ جاسۇسلۇق نىشانىغا ئايلاندى

جاسۇسلۇق دېلولىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تەيۋەن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەخسۇس دوكلات ئىلان قىلىپ، خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇسۇللىرىنى ئاشكارىلىدى.

تەيۋەن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېلولىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، پىنسىيەگە چىققان ھەربىي خادىملار خىتاينىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىشىدىكى نىشانغا ئايلانغان. دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، تەيۋەندە يەنە بىر چوڭ خىتاي جاسۇسلۇق دېلوسى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

تەيۋەن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى 12-يانۋار يەكشەنبە ئېلان قىلغان «كوممۇنىست جاسۇسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىش» تېمىسىدا دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى خىتايغا چېتىشلىق جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 64 بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئاشقان. بۇ سان 2023-يىلدىكى 48 ئادەم، 2022-يىلىدىكى 10 ئادەم ۋە 2021-يىلى 16 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېلولىرىنى ئەيىبلەش سانىمۇ 2021-يىلدىكى ئۈچ، 2022-يىلدىكى بەش، 2023-يىلى 14 بولغان بولۇپ، 2024-يىلى 15 كە يەتكەن.

تەيۋەن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى چۈشەندۈرۈپ، دوكلاتنىڭ ئاممىغا خىتاينىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىش ئەندىزىسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تەيۋەننىڭ بارلىق ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى، ئاممىنى ئورتاق تەشكىللەپ تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېلولىرىنى بايقاشنىڭمۇ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە ئامما تەمىنلىگەن دوكلات يىپ ئۇچىدىن بولغانلىقىنى، بۇ ئاممىنىڭ مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاينىڭ نىشانلىق خادىملىرى ئىچىدە ھازىرقى ۋە پىنسىيەگە چىققان ھەربىي خادىملارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 15 پىنسىيەگە چىققان ھەربىي خادىم (% 23) ۋە 28 ئاكتىپ ھەربىي خادىم (% 43) ئەيىبلەنگەن. ھەربىي خادىملار جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىشتىكى نىشانىغا ئايلانغان.

«بەش چوڭ يول» ۋە «تۆت چوڭ تېخنىكا»

سىڭىپ كىرىش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرىغا قارىتا، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2024-يىلى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېلولىرىنىڭ ئەندىزىسىنى تەھلىل قىلىپ، خىتاينىڭ يەر ئاستى شايكىسى، يەر ئاستى بانكىلار، مەخپىي شىركەتلەر، دىنىي گوروھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتارلىق بەش چوڭ يول؛ پىنسىيەگە چىققان ۋە ئاكتىپ خادىملارنى قايمۇقتۇرۇش، تور ئۇلىنىشى، پۇلغا جەلپ قىلىش ۋە قەرزنى زورلاش قاتارلىق تۆت چوڭ ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بېيجىڭ دائىرىلىرى يۇقىرقى يول ۋە ۋاستىلەر ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ھەربىي قىسىملىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خىتاينى قوللايدىغان تەشكىلاتلارغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىپ، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە، تەيۋەندە جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىچكى تورلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ھەتتا تەيۋەننىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغان.

2024-يىلى 12-نويابىر