غەرب دۆلەتلىرى سۈرىيەنى مۇنتىزىم ئارمىيەگە چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

يېڭى سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ قوماندانى ئەھمەد شەرائ‍ ئىنقىلابىي گۇرۇپپىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى (ئىجتىمائىي تاراتقۇلار)

ئىككى مەنبەدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئەلچىلىرى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى «چەت ئەللىك جىھادچىلار» نى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىققا تەيىنلىشىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە چەت دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۇرۇنۇشىدا ئۇلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدار يېڭى سۈرىيە رەھبەرلىرىنى بۇ قارارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۈندەش يۆنىلىشىدىكى غەرب تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، ئامېرىكا ئەلچىسى دانىيېل روبىنشتايننىڭ چارشەنبە كۈنى دەمەشىقتىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شەرائ‍ بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار: «بۇ تەيىنلەشلەر ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىسىز» دېگەن.

سۆھبەتتىن خەۋەردار بىر مەنبەنىڭ بايان قىلىشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان نوئېل باررو بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوكمۇ 3-يانۋار كۈنى شەرائ‍ بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، ئارمىيەگە ئېلىنغان چەت ئەللىك جەڭچىلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاشىنگتوننىڭ دەمەشىقتىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى: «سۆھبەتلەر ئىجابىي بولۇپ، كەڭ كۆلەمدىكى يەرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى ھەمدە «دائىش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى شەرتلىرى بويىچە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.

پىداكارلىق كۆرسەتتى

ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدار ۋە غەربلىك بىر مەنبەنىڭ بايان قىلىشىچە، دەمەشق ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ تەيىنلىنىشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش ياكى چەت ئەلگە چىقىرىۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى سۈرىيەدە قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىلىق ئەمەلدار يەنە ھاكىمىيەتنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ ئاغدۇرۇلغان پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد تۈزۈمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەتتە 10 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ، سۈرىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ئەسەدنى ئاغدۇرۇشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سۈرىيەدە ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇلارغا گىراژدانلىق بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، رويتېرس يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 گە يېقىن تەيىنلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار، تۈرك، مىسىرلىق ۋە ئىيوردانىيەلىك بولۇپ كەم دېگەندە 6 چەت ئەللىك جەڭچىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

سۈرىيەلىك ھەربىي مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ 3 ى گېنېرال، يەنە 3 ى پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ھەيئەتى تەھرىرۇششام (شام ئازادلىق ئارمىيەسى) 8-دېكابىر كۈنى ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھۇجۇمغا يېتەكچىلىك قىلغان، ئارقىدىن سۈرىيەدە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئەسەد ئارمىيەسى تارقىتىۋېتىلگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان شام ئازادلىق ئارمىيەسى قوراللىق كۈچلەرنى قايتا تەشكىللەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

خەۋەر مەنبەسى: رويتېرس
تور ئادرىسى: ئەلجەزىرە. نەت