ئامېرىكا يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى سودا قارا تىزىملىكىگە قوشقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  بۇ 37 شىركەتنىڭ ئىسمى تولۇق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «خۇافۇ كىيىم-كېچەكلىرى شىركىتى، دۇڭخەي كۈنتاختا تېخنىكا شىركىتى، خۇڭيۈەن يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلار دۇنياغا تونۇلغان شىركەتلەر ئىكەن.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلىمە كانچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھازىرغىچە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 150 گە يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە: «بۇ قېتىم بېسىلغان قەدەم مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ رەھىمسىز قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش بولۇپ، تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئەركىن، ئادىل، رىقابەتلىك بازارنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېگەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى تىزىملىككە قوشۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق جازالاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا مۇھىم مېتال كانلىرىنى قېزىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قېتىمقى تىزىملىككە يەنە شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى تېرىيدىغان ۋە دۇنياغا پاختا توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ماتېرىياللىرىنى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.

2025-يىلى 14-يانۋار