2014- يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچلۈك ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. يېقىندا تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈرمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تايلاند تۈرمىسىدە 10 نەچچە يىلدىن بېرى يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 14-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدە بىر قاتار ئۇچرىشىلاردا بولغان. تەشكىلات رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى زەفەر سىياقايا بىلەن كۆرۈشكەن. ھەيئەت يەنە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىشلىرى مىنىستىرى دەريا يانىك خانىمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، دەريا يانىك خانىمغا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يەتكۈزگەن.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى يەنە ئەنقەرەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىدا تايلاند باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى تەلىپىنى ئۇقتۇرغان. باش ئەلچى تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىگە جاۋاب تەرىقىسدە ئەۋەتكەن مەخسۇس خېتىنى ئوقۇپ بەرگەن. مەزكۇر خەتتە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بىر قارار چىقىرىشتا تايلاندنىڭ مۇستەقىل ئىرادىسى، تايلاند قانۇنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەسى قاتارلىق بەش پىرىنسىپقا تايىنىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق بىر قارار چىقارمىغانلىقى ۋە بۇنداق نىيىتى يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەتتە يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
14-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئورگانلىرى، ئىشخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرى، شۇنداقلا ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك ئەركىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نامايىشى» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇ باياناتىدا 17-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى جىددىي قانات يايدۇرغانلىقى مەلۇم.
2025-يىلى 16-يانۋار