(مۇشۇ تىمىدا تۈنۈگۈن «زىمىستان» تورىدا چىققان ماقالىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى)
كۆك بايراق
2023 -يىلى سىنتەبىردە، 30 يىلدىن بۇيان كۆرۈشمىگەن دوستۇم قاسىمجان بىلەن ئىستانبۇل سافاكۆيدىكى بىر پائالىيەتتە ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ بىلەن غۇلجىنىڭ بىر ناھىيە، بىر يېزا بىر مەھەللسىدىن ئىدۇق.
---- ئاسماندىن چۈشتۆڭمۇ يەردىن ئۈندۈڭمۇ؟--- دېدىممەن قىزغىن قۇچاقلىشىۋېتىپ.
---- ئىچىدىن كەلدىم
" ئىچىدىن" دېگەن گەپنىڭ سافاكۆيدىكى مەنىسى «سۈرىيە» ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا ھەيران قالدىم. چۈنكى قاسىمجان ناھىيەمىزدىكى شوخ، كەپسىز بالىلاردىن ئىدى. تۆي-تۈكەنلەردە ئاكوردىيون چېلىپ ناخشا ئېيتىىتى؛ سورۇنلىرىمىزدا ناخشىسى توختىسا، چاقچىقى باشلىناتتى؛ سورۇننى بېشىغا كېيىپ ئولتۇرىدىغان دوستىمىز ئىدى. ئۇنىڭ ئاكوردىيونچى بولۇپ قېلىشىنىڭمۇ قىززىق بىر جەريانى بار. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەن، ئىچكىرىدە بىرقانچە يىل چەنچېرىمانىچىلىق( پۇل تېگىشىش تىجارىتى) قىلىپ، شۇ مەزگىللەرگە نىسبەتەن خېلى پۇل تاپقان؛ ئۇ ئىچكىرىدىن چىقىپ مەھەللىمىزدىكى چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ قىزنىڭ ئاكردىيون ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تاپقان -تۈككەنلىرىنى دەسمىي قىلىپ غۇلجىدا سەنئەت مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. ئىككى يىلدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. ئەمما يېزا ۋە مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭغا زېرىكىشىلىك بىلىنىپ، خىزمەتنى تاشلىغان ۋە ئۇ قىممەتكە توختىغان مۇھەببىتىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
ئۈچ كۈن مۇڭداشتۇق، مەھەللىمىزدىكى قوشنىلارنى رەت بويىچە ساناپ ئەسلەشتۇق.
--- بولۇس سېرىق، ئىسكەندۇر شوتا، ئىمام قاڭشار..... ھەممىسى چېكىپ تۈگەپ كەتتى، ساناپ باقسام، مەن يېنىپ چىققىچە ئارىلىقتا بىزنىڭ مەھەللىدىن 47 بالا ئاق چېكىپ ئۆلۈپتۇ، ئويلاپ باق، 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر مەھەللە، 250 ئائىلە، 1500چە نوپۇس، نىسبەتلەشتۈرسەڭ بەك قورقۇنۇچلۇق سان بۇ!!! ئەمما ھۈكۈمەت ئاق ساتقانلارغا ھىچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىدى....
خىروئىننىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك بالا تېرىغانلىقىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىنمۇ بىلىمەن. بەزى پائالىيەتچىلەر، چېكىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى بىر ئۇرۇش چىقىمىغا تەڭ دەپ قارايدۇ. مەن گەپنى سۈرىيەگە يۈتكىدىم:
--- قانچە يىل تۇرغان بولدۇڭ سۈرىيەدە؟
--- ئون يىل.
قاسىمجاننىڭ بىر پۇتىنىڭ سەل ئاقسىغىنى ھېساپقا ئېلىنمىسا باشقا بىر زەخمە ئىزى يوق ئىدى.
--- ھېلىمۇ ساق تۇرۇپۇسەن؟!
--- شۇنداق، بىز نۆۋەتتە تۇرىدىغان بىر ئېگىز دۆڭ، روسىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا تۈزلۈنۈپ بولدى، خۇدايىم ساقلىسا، بۇ جان دېگەن ئاسانلا كېتىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەسكەن.
ئۇ سۈرىيەگە بارغان دەسلەپكى ھەپتىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلغان چېغىدا تۈۋەندىكى گەپلىرى دىققىتىمنى تارتتى:
---- تىزىملاۋاتقان كاتىپ بالا، " ئاكا سىز قانچىلىك ئوقۇغان" دېۋىدى، "باشلانغۇچ" دەپ قويدۇم.....
--- نىمە ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا تېخنىكوم دېمىدىڭ؟--- دەپ سورۇدۇم ،ئۇنىڭ سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغان تارىخىنى ئەسلەپ.
---- چۈنكى ياخشىراق ئوقۇغانلارنى مەمۇرى ئىشلارغا قويىدۇ، ئالدىنقى سەپكە -ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتمەيدۇ، شۇڭا.
---- ئۇنداقتا، ئالدىنقى سەپكە بېرىشنى تالىشىدىكەنسىلەر دە؟
---- شۇنداق، بەزىدە ماشىنىغا پاتماي قالىمىز، ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگىرەپ، كوزۇپقا يامشىپ چىقىپ بارىدىغان گەپ....
---- دېمەك ئۆلۈش ئۈچۈن ئالدىرايسىلە دېگەن گەپ!؟
--- ياق، قورال تۇتۇش ۋە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئالدىرايمىز، قورالنى تۇنجى قولىغا ئالغىنىدا، قورالنى سۆيۈپ يىغلاپ كەتكەنلەر بار!!!!
ئۇززۇن دەۋرلەر قورالسىز ياشىغان ۋە قورالسىزلىقنىڭ دەردىنى ھەم تارتقان ۋە پاجىئەلىرىگە شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇر، بىر قەلەمكەش سۈپىتىدە، يۇقارقى تەقەززالىقنىڭ سەۋەپلىرىنى بىلىمەن. بۇ تەقەززالىق، كونا شەھەر ساقچى ئارخىپلىرىدا، زۇمرەت تۇرسۇن ئىسىملىك 24 ياشلىق بىر تۇتقۇننىڭ ئېغىزىدا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ: " ئەگەر مېنى سۈرىيەگە ئېلىپ بارالايدىغان بىر ئەركەك بولسا، مەن ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىن بولمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا رازىمەن" . بۇ جۈملىلەر قورالسىزلىقنىڭ دەردىنى قانچىلىك تارتقانلىقىمىزنىڭ ياخشى بىر ئىپادىسى.
ئەمما مەن يەنىلا، قاسىمجاننىڭ خۇشچاقچاق بىر سازەندىلىكتىن قانداق بولۇپ يانماس بىر مۇجاھىد بولۇپ ئۆزگەرگىنىگە ھەيرانمەن. چۈنكى مېنىڭ چۈشەنچەمدە، مۇزىكانتلىق بىلەن جەڭچىلىك بىرسى جان ئالىدىغان، بىرسى جانغا راھەتلىك بېغىشلايدىغان، پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىككى ساھە. بۇ ئىككى ساھە، ئادەمدىن ئوخشىمىغان ئىككى خىل ھۈجەيرە تەلەپ قىلىدۇ.
---- سەندىكى ئۆزگۈرۈش قاچان، قانداق باشلاندى؟
--- بىلىسەن، غۇلىجىدا 1990 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى مەشرەپ باشلاندى.... بىر قېتىملىق مەشرەپتە، تەسىرلىك بىر تەبلىغ ئاڭلىدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگەردىم، كەيپ-ساپادىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم، بىر كېچىدە ئۆزگەردىم دېسەم مۇبالىغە بولمايدۇ.
شۇنداق، غۇلجىدا مەشرەپ ھەركىتى باشلىنىپ، ئاق چېكىش بەلگىلىك تىزگىنلەنگەن، بۇنىڭدىن خىتاي تەرەپ بىئارام بولۇپ 5 -فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى كېلىپ چىققان.
دىيىشىچە، قاسىمجان شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن، نامازنى باشلاپتۇ، ئىشىغا-- ماڭغۇزىۋاتقان كېيىم-كېچەك دۇكىنىغا -مەركەزلىشىپتۇ، ئىشلىرىمۇ ياخشى يۈرۈشۈپتۇ، دوستلار چەمبىرىكىمۇ ئالمىشىپتۇ:
---- قېرىنداشلار(دوستلار توپىنىڭ ئاتىلىشى) بىلەن ھەر جۈمە كۈنى ئۇچرىشىمىز، تاتلىق ۋە ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلىرىمىز بار، بۇرۇنقىدەك قۇرۇق پاراڭ، تېتىقسىز كۈلكىلەر يوق....
ئۇ ھىدايەت يولىغا ماڭغاندىن كېيىنىكى ھاياتىنى تەسىۋرلىگەندە، سۈيۈنچى، ئاۋازىدىنلا ئەمەس، كۆزلىرىدىنمۇ چاقنايتتى.
--- شۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەردىن بىر-ئىككى جۈملە ئەسلەپ بېرەلەمسەن؟
---بىر قېتىملىق مەشرەپتە يىگىتبېشى دېدى: «ھۆكۈمەت بىزدىن ھەممىدىن بەك نىمە قىلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، بىلىۋاتامسىلەر؟ ئەتىگەندىن -كەچكىچە ئۇسۇل ئوينىشىمىزنى، تاڭ ئاتقىچە ھاراق ئىچىشىمىزنى، ئاق چېكىشنى توختاماسلىقىمىزنى، بولسا قىمارخانىدىن چىقماسلىقىمىزنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، شۇنداققۇ؟ ئەگەر ئۆزىمىزنى قۇتقازمىساق، ھەممىمىز قىرىلىپ تۈگەيمىز، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىنىڭ نەق تەتۈرىنى قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىزغا- ئىسلامغا- چىڭ يېپىشىشىمىز، لاياقەتلىك بىر مۇسۇلمان بولۇشىمىز كېرەك.....»
كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرىدا، تويىدا مۇزىكا چېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن رادىكاللىق بىلەن ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان كۆپ ساندا تۇتقۇن بار. بۇ ئېسىمگە كېلىپ سورۇدۇم:
---- سەن گېپىنى قىلغان شۇ تەسىرلىك تەبلىغدىن كېيىن، مۇزىكا چېلىشنى تاشلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
---- ئۇنداق ئەمەس، شۇنىڭدىن كېيىن مۇزىكا چالغۇدەك ۋاقتىممۇ بولمىدى، كەيپىياتىممۇ بولمىدى.
---- ئاكاردىيوننى ياخشى كۆرۈدىغان مۇھەببىتىڭنىڭ بۇ چاغدا ئاچچىقى كەلمىدىمۇ؟
---- ياق، بۇ چاغدا بىز توي قىلىپ، ئىككى بالىلىق بولۇپ بولغان، ئۇ مېنى «ئۆيدە ئولتۇرمىدىڭىز، ئائىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىسىز» دەپ قاخشاپ يۈرىۋاتقان مەزگىلى ئىدى، شۇڭا ھىدايەت يولىغا مېڭىشمنى ھەممىدىن بەك ئايالىم قوللىدى.
غۇلجدىكى بۇ ۋەزىيەتتىن بىزنىڭ ئائىلىمۇ تېگىشلىك نېسىۋېىسىنى ئالغان. ئىنىم ئوبۇلقاسىم ھوشۇر ۋە ئايالى راھىلە 2007 -يىلى ئاق چېكىپ تۈگەپ كەتكەن. بۇ پاجىئەدىن ساۋاق ئالغان ئەڭ كىچىك ئىككى ئىنىم ھىدايەت يولىغا ماڭغان، بۇ ئىككىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ئاكام، سىڭلىم ۋە ئاپاممۇ سۇس مۇسۇلمانلىقتىن، تەقۋا مۇسۇلمانلىققا ئۆزگەرگەن.
قاسىمجان ئۆزىنىڭ سەپەر تەييارلىقلىرى، ۋەتەندىن ئايرىلغاندا تۇققانلىرى بىلەن قىلىشقان تالاش-تارتىشلىرى ۋە سەپەر ئۈستىدە ئاشقان تاغ-داۋانلىرىنىمۇ سۆزلەپ بەردى، ھەر بىرى بىر رومانغا يېتەرلىك خام ماتېرىيال!
---- ئەمدى تۇققانلار بىلەن خوشلاشقاندا قىلىشقان گەپلىرىڭدىن بىر -ئىككى جۈملە؟
---- كىچىك ئاپام بىلەن مەخپىي خوشلىشىۋاتقان چېغىمدا : «سۈرىيەگە بارمىساڭمۇ، تاپقان پۇللىرىڭنى مۇشۇ يەردىكى يېتىم-يېسىرلارغا خەجلىسەڭمۇ، جەننەتكە كىرەلەيسەن» دەپ يىغلىدى. مەن ئۇنىڭغا «خەير-ساخاۋەت ئىشىنى قىلىدىغان ئادەملەر بۇ يەردە خېلى بار، مەن بۇ يەردە قىلغىنى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلماقچى، ئاق چېكىپ ئۆلگەن بالىلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزەمنى تەييارلىماقچى»، بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كىچىك ئاپام كۆز يېشىنى دەرھال توختاتتى ۋە پىشانەمگە سۆيۈپ رازىلىق بىلدۈردى. چۈنكى ئۇنىڭمۇ بىر ئوغلى ئاق چېكىپ ئۆلگەن ئىدى، ئۇ «مېنىڭ بالامنى ھۆكۈمەت ئۆلتۈردى» دەپ قاخشاپ كېلىۋاتقانتى"
گېپىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئاخىرىدا سورۇدۇم:
-- ئايالىڭ ، قىممەتكە توختىغان مۇھەببتىڭ ھازىر نەدە؟
--- سۈرىيەدە.
--- سۈرىيەدىكى ئۇ ئاكوردىيونسىز ھاياتقا قانداق كۆندى؟
---- ئۆيىمىزدە ھازىر 3 ئاكوردىيونچى بار، ئۇ شۇ ئۈچى بىلەن ئالدىراش--- دېدى كۈلۈمسىرەپ.
قاسىمجان 2012 -يىلى ئايالى ۋە 20، 18 ياشلاردىىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ چەتكە چىققان ۋە سۈرىيەگە بارغان ئىكەن، ھازىر ئۈچ نەۋرىسى بار ئىكەن، ئايالى ئەنە شۇ نەۋرىلىرى بىلەن نەغمە-ناۋالىق ئىكەن.
قاسىمجان ۋە ئايالىنىڭ بۇ ھايات ھېكايىسىنى خىتاي تەرەپ ھەر ۋاقىتتىكىدەك «دىنىي جەھەتتىن رادىكاللىشىش» دەپ ئەيىپلەيدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما مەنچە بۇ، رادىكاللىشىش ئەمەس، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كومۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان بىر ئەۋلات كىشلەرنىڭ، دىنىي جەھەتتىن ئويغۇنۇشى ۋە تەقۋالىشىشىدۇر. بۇ ئويغۇنۇش، سىرتتىكى بىر كۈچنىڭ دەۋىتى ياكى قوزغىشى بىلەن ئەمەس، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مىللىي ۋۇجۇدنىڭ ئۆزىنى قوغداش فونكىتسىيەسىنىڭ تەبىئىي ھالدا ھەركەتكە كېلىشىدۇر.