تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىمىز يوق»

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە سىياسىئونلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. 

تايلاندتا چىقىدىغان «مىللەت» (The Nation) ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچايچاي (Phumtham Wechayachai) 17-يانۋار كۈنىدىكى باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

«مىللەت گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، يېقىندا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20-يانۋار دۈشەنبە كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچايچاي مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نۆۋەت ئۇنداق پىلانى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

«مىللەت» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، تايلاندتىكى ‹ئادالەت› ناملىق پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كاناۋېي ​​سۇبسېڭ (Kanawee Suebsaeng) فېيسبۇقتىكى ھېسابىدا، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ 17-يانۋار كۈنىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (NSC) يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فۇمتام ۋېچايچاي بۇنداق مۇزاكىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى تايلاندقا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ، «شۇ ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى، بىز ئالاقىدار قانۇن رامكىلارنى تەكشۈرۈپ، ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تايلاند ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن پەيدا بولغۇسى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش لازىملىقىدا چىڭ تۇردۇق» دېگەن. ئۇ يەنە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2025-يىلى 18-يانۋار