ئىسرائىلىيە ۋە خاماس ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۈگۈن يەنى 2025-يىلى 19-يانۋار باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11:15 ئۆتكەندە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئىلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خاماس دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش رەسمىي باشلانغان.
خاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىزددىن ئەلقاسام بىرىگادىسى ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۈگۈن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۈچ ئايال تۇتقۇننىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، ئىسرائىلىيەمۇ بۇ تىزىملىكنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ۋە خاماس دائىرىلىرى ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە 15-يانۋار 42 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىر دائىرىلىرىمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى
ئىگىلىنىشىچە، خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ئۈچ باسقۇچتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىرى 42 كۈن داۋاملىشىدۇ.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئاساسەن، ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا، خاماس قولىدىكى 97 تۇتقۇننىڭ 33 نەپىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 1904 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلىدۇ.
مىسىر بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى رافا چېگرا ئېغىزى ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ، كېسەل ۋە يارىلانغانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ. كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاچىلانغان 600 يۈك ماشىنىسى غەززە رايونىغا كىرىدۇ. پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، غەززەدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش تېزدىن ياخشىلىنىدۇ.
كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالدىكى ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. غەززە رايونىنىڭ بارلىق رايونلىرىدا ھەرىكەت ئەركىنلىكى بولىدۇ.
كېلىشىمدە يەنە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە غەززە رايونىدىن چېكىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ ئىنكاسى
ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئارىسىدا 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر باشلانغان توقۇنۇشتىن 15 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم غەززە ۋە پەلەستىن خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىر غەلبە دەپ قارالدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 471 كۈنلۈك ھۇجۇمىدا غەززەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 46 مىڭ 913 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 110 مىڭ 750 كە يەتكەن.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزى نارازىلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاشقۇن ئوڭچىل دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىر ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئوتزما يېھۇدىت پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقتى.
2025-يىلى 19-يانۋار