سۈرەتتە، دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) تايلاندتىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋاشىنگتون، 2025-يىلى 15-يانۋار.
«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» 19-يانۋاردىكى «تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلۇشتىن ئەنسىرەپ ئاچلىق ئېلان قىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تايلاندتا 2014-يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، سىياسىئونلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا سىياسىئونلىرى ئارقا-ئارقىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم تەھدىتى بولغان خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى. يەنە بىر تەرەپتىن، تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى مەھبۇسنىڭ بايانىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئاچلىق ئېلان قىلىشنى ئۇلارغا «ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىش» جەدۋىلى بېرىلگەندىن ئىككى كۈن كېيىن 10-يانۋار باشلانغان. ئۇلار قايتۇرۇۋېتىش جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي رەسىمگە تارتىلغان.
2015-يىلى 7-ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقتتا ئۇلارمۇ نامەلۇم ھۆججەتكە قول قويغۇزۇلغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان ۋە چەكلىك ئىمكانلار بىلەن بۇنى سىرتقا دۇنياغا ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن بىرى بىر مۇخبىر ۋە بىر پائالىيەتچى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى نيۇيورك ۋاقت گېزىتىگە يەتكۈزگەن. يەنە بىر مەھبۇسنىڭ بايانى بىر تۇغقىنى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئاچلىق ئىلان قىلىش ھەرىكىتى بۇ جۈمە كۈنىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئازراق سۇ ئىچكەندىن باشقا تاماق يېيىشنى رەت قىلغان. لېكىن، ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت سانى ئېنىق ئەمەسكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار تۆت مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئايدا بىر كەلگەن دوختۇردىن باشقا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق دېگۈدەك ئىكەن.
يەنە بىر مەھبۇسنىڭ ئىنىسى جۈمە كۈنى مۇخبىرغا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرلاشقانلىقىنى ئېيتقان. مەھبۇس ئۇچۇرىدا «بىزنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغىنىمىزغا يەتتە كۈن بولدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، بىزگە جاۋاب قايتۇرمايۋاتىدۇ. بۈگۈن ئەتىگەندە بىز ب د ت بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىزگە يول قويمىدى».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى برايونى لاۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ بۇ ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان، ئەمما بېرمىدىن كەلگەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرى قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىكەن.
جۈمە كۈنى، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي (Phumtham Wechayachai) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ شۇ كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «بىز قانداق قىلىپ قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلماستىن ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق» دېگەن.
بىر مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، تايلاند مۇداپىيە مىنىستىرى فۇمتام : «مەن بۇنى پەقەت سىزدىن ئاڭلىدىم» دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن قوماندانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى رەت قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىر باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن «خەۋەرسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
تايلاندتىكى ئەھۋالى ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دۇنياسىدا ئەندىشە قوزغىدى. چارشەنبە كۈنى، پرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) تايلاندتىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، «بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىك ھەققىدە دۇنيانى ئەسكەرتىشىمىز ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت» دېدى.
تايلاندنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاڭكانا نىلاپايجىت (Angkhana Neelapaijit) ئۆزىنىڭ تايلاند دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تايلاند ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە پارلامېنتتا ئاي ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.
2024-يىلى 19-يانۋار