ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپ تۇنجى كۈنى بىر قاتار مەمۇرىي بۇيرۇقلارنى ئىمزالىدى

ئامېرىكىدا 2024-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلبە قىلغان سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بولغان ترامپ 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان ئىدى. 

دونالد ترامپ 20-يانۋار كۈنى چۈشتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىيگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ھالدا ئا ق ش نىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئەپەندى 21-يانۋار قەسەم بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى. 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىخەتەرلىك ۋە پەۋقۇلئاددە سوغۇق ھاۋا رايى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

سىياسىي، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىن كەلگەن يۈزلىگەن كاتتىلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق قەسەم بېرىش مۇراسىمدا دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ «ئامېرىكا خەلقىگە يوللايدىغان تۇنجى ئۇچۇرۇم شۇكى، بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم شىجائەت، تېتىكلىك ۋە تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان پەيتىمىز كەلدى» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى يەنە بىر «ئالتۇن دەۋر» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا بىر قاتار ئىجرائىيە بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى، چېگرادا تام سوقۇش، جىنسىيەت ئايرىمىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق سۆھبەت تېمىلىرىدىن بولۇپ قالماقتا.

ترامپ قايسى مەمۇرىي بۇيرۇقلارغا ئىمزا قويدى؟

پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا «جىددىي ھالەت» ئىلان قىلىش، كۆچمەنلەرنى مېكسىكىدا ساقلىتىش

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ توغۇلۇشتا ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش 

6-يانۋار قۇرۇلتاي ھۇجۇمىغا قاتناشقانلارغا كەچۈرۈم ئىلان قىلىش

«مېكسىكا قولتۇقى»نىڭ نامىنى «ئامېرىكا قولتۇقى»غا ئۆزگەرتىش

ھۆكۈمەت ئۈنۈم مىنىستىرلىكى قۇرۇش

فېدېراتىپ ئورگانلاردا كۆپ خىل جىنسىي سالاھىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشىگە خاتىمە بېرىش، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككىلا جىنسنى قوبۇل قىلىش

تىكتوك چەكلىمىسىنى ۋاقتلىق كېچىكتۈرۈش

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە يىرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتۇرا ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئاساسىدىكى دۇنياغا زومىگەر بولۇش «شېرىن چۈشى» ئۈچۈن قاتتىق بىر زەربە، دەپ قارالماقتا.

ترامپ تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىل دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلدى. ئەمما بۇ دەۋەردە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىقتىساد، سودا ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەت ئاساسلىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيدە بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. 

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، شۇ ۋاقتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قارارلار ماقۇللىدى. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىم ترامپنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يەنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىئو ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تونۇش. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى ئىككى پارلامېنتىڭ ماقۇللىشى ۋە پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئىمزالىشى بىلەن 2022-يىلى 6-ئايدىن بۇيان رەسمىي ئىجرا قىلىنماقتا. 

ماركو رۇبىيو كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردە خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

2025-يىلى 21-يانۋار