(«زىمىستان» تورىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى مااقالىنىڭ تەرجىمىسى)
كۆك بايراق
يۇرتلۇقۇم، مۇزىكانت دوستۇم قاسىمجان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا سەپدىشى يارمەمەت بىلەن بىللە كەلدى. يارمەمەت تېلىفوندا بىرسى بىلەن خېلىلا راۋان ئەرەپچە سۆزلىشىۋاتاتتى. سورۇدۇم:
---- ئەرەپچىنى نەدە ئۈگەندىڭىز!
---- قازان بېشىدا ئۈگەندى، ئايالىغا ئۇيغۇرچە تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىش جەريانىدا.--- دېدى قاسىمجان يارمەمەتنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بېرىپ. دېمەك يارمەمەتنىڭ ئايالى ئەرەپ ئىكەن.
---- توغرا ، ئايالىم بىلەن توي قىلغاندا ئەرەپچىدە ھەپتىنىڭ 7 كۈنى ۋە 100گىچە ساناقنىلا بىلىتىم. قالغىنىنى ئايال-بالىلىرىمدىن ئۆگەندىم.
ئىلگىرى «ئىچىدىن» كەلگەنلەر بىلەن سۆھبەتلىرىمدە، ئۇلارنىڭ «ئىچىدىكى» ئومۇمى سانلىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىققان بولساممۇ، ئوخشاشلا نازۇك بىر رەت جاۋاپ ئالغان ئىدىم : «بۇ مەلۇمات ھازىرچە بىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن».
شۇنداقتىمۇ گەپ ئارىلىرىدا، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا بارلىقى، 40 تىن ئارتۇق دوختۇرى بارلىقى ۋە جەڭچىلەرنىڭ ئەرەپ ئاياللىرىدىن تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى دېگەن چېغىدا، مەتبۇئاتلاردا ديىلىۋاتقان بىرقانچە مىڭ دېگەن ساننىڭ مۇبالىغە ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدىم.
يەنە شۇ قىززىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە، سورۇدۇم.
---- قانچە بالىڭىز بار؟
---- سەككىز --- دەپ جاۋاپ بەردى تېزلا. پاراڭنىڭ داۋامىدا مەلۇم بولدۇكى، بۇ 8 بالىدىن ئۈچى ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان ئەرەپ بالىلار ئىكەن، ئېرى، بىر قېتىملىق بومباردىماندا ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
---- ، ئاللاھقا شۈكرى ، بالىلارغا بىر خېيىم-خەتەر يەتمەپتۇ--- دېدىممەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ.
---- بىر قىزىمىز كېتىپ قالدى--- دېدى يارمەمەت چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىپ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزىگە غىللىدە ياش كەلدى ۋە يېشىنى بىزدىن قاچۇرۇپ يانغا قارىۋالدى. گېپىنىڭ داۋامىدىن بۇ ئۆلۆپ كەتكەن قىزىنىڭ ئۇ تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئۈگەي قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم. ھەتتا كاللامغا " بۇياق بىراز ئەرتىسلىك قىلىۋاتامدۇ نىمە" دەپ سوئالمۇ تۇغۇلۇپ قالدى.ئەمما بۇنداقمىكىن دېسەم، بېشىمىزدا توغرۇلۇنۇپ تۇرغان بىر كامېرا يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ سۆھبەت بولۇۋاتقاندا، دىيىشىۋاتقان گەپلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يېزىلىپ قېلىشى ھەققىدە ئۇنىڭ خەۋىرى يوق، مېنىڭ پلانىممۇ يوق.
---- توغرا چۈشىنىڭلار -دېدى ئۇ تۇتىۋالالمىغان كۈز يېشىغا ئىزاھات بېرىپ---- ئۇ قىزىمىز بەك ئېچىنىشلىق ئۆلگەن، ئايالىم ھەر قېتىم ئەسلەپ نەق مەيداننى تەسۋىرلىسە، قۇلىقىمنى ئېتىۋالىمەن.
مەندىكى ئەجەپلىنىشنى سەزگەن قاسىمجان قوشۇمچە قىلدى:
---- بۇ ئاغىنىمىز، ئايالى بىلەن بەك ياخشى ئۆتىدۇ، ھەتتا تىللىرىنى بىلىشمەي ئىشارەت بىلەن سۆزلىشىپ ئۆتكەن چاغلىرىدىمۇ.
مەنچە، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا ئايالىنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىك ئەمەس، بىر جەڭچىدىن بۇنچە تېز كۆز يېشى چىقىشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈپ باقمىغان ئۆگەي قىزى ئۈچۈن. مەن كۆڭلۈمدىكى تۈگۈننى يوشۇرمۇدۇم:
----- مەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قانچە كېچىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئالدىراپ ياش چىقمايدۇ، دەپ ئويلايتتىم.
---- سىلەر بەلكىم، بىزنى شۇنداق سىرلىق بىلىسىلەر، ئەمما قان بىلەن گۆشتىن تۈزۈلگەن ئىنسان بولغاندىكىن، بەزى ئېچىنىشلىق سەھنىلەرنى كۆرگەندە ياكى ئەسلىگەندە، ئۆزىنىزنى تۇتالمايدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. مەن سىزگە كېلەر قېتىمدا، مەندىن جىقراق قان كەچكەن، ئەمما مەندىنمۇ باغرىق يۇمشاق بىر سەپدىشىمىزنىڭ كەچمىشىنى دەپ بېرەي....
---- بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن --- دېدىم ۋە بايىقى تەسىراتىمدىن تەنقىدىي بىر پۇراق قېپقالماسىلىقى ئۈچۈن گەپنى مۇنداق خۇلاسىلىدىم--- ئۇنداقتا، جەڭچىلەر، دۈشمىنىگە قارىتيا غەزەپ-نەپرەتكە تولغان كىشىلەرلا ئەمەس، دوستلىرىغا قارىتا مۇھەببەتكە تولغان ئىنسانلار دېسەك توغرا ۋە تولۇق بولغۇدەك.
---- بىر قېتىم قېيىنئاتاممۇ سىزگە ئوخشاشراق بىر گەپ قىلغان.....
يارمەمەتنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىر كۈنى چىگرادىكى نۆۋەتچىلىكىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلسە، ئايالى ئۈستەلگە بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپ بالىلىرى بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قاپتۇ. يارمەمەت ئۆيدە نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، ئايالىنىڭ ئېگىز پاشنىلىق خۇرۇم ئاياق بىلەن كېتىپ قالغانلىقى ۋە پاكار پاشنىلىق يۇمشاق ئايىغىنى تاپالماي قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئايالى ئېغىر بوي مەزگىلى ئىكەن. ئۇ ھامىلىگە ۋە ئايالىغا بىر زەخمەت يېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇ يۇمشاق پاكار پاشنىلىق ئاياقنى پىيادە ئىككى سائەت يول مېڭىپ قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قېيىنئاتسى، كۆزىگە ياش ئېلىپ ۋە ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ تۇرۇپ دەپتۇ:
----- مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەرنى بۇنچىۋالا كۆيۆمچان ۋە باغرى يۇمشاق بولىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
بۇ چاغدا كاللامغا ئۇشتۇمتۇت بىر سوئال كەلدى:
---- ۋەتەندە بالىلىرىڭىز بارمىتى؟
---- ئايالىم بار ئىدى، ئەمما پەرزەنتلىرىم يوقتى.....
ۋەنەندە 43 ياشقىچە ياشاپ پەرزەنتلىك بولالماسلىقنىڭ سەۋەبىمۇ ئايدىڭلاشتى: يارمەمەت 1997 -يىلى 18 يېشىدا، 5 -فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە قېتىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلىپتۇ. جازا مۇددىتىنى تۈگۈتۈپ چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2008 -يىلنىڭ بېشىدا توي قىپتۇ، توي قىلىپ 4 ئايدىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىجراسى داۋامىدا، ئۇ سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 ئاي قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك مۇراسىم ياكى چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇ 15 كۈن بىلەن 45 كۈن ئارىسىدا «سىياسىي ئۈگىنىش"كە ئەكىتىلىپتۇ. نەتىجىدە توي قىلىپ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پەقەت 4 ئايلا ئايالى بىلەن بىر ئۆيدە ياشالاپتۇ.
ئاخىرى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى سۈپىتىدە، 2009 -يىلى مايدا ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ، ئۇ بېرىپ 2 ئايدىن كېيىن 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتىلاپتۇ.
ئۇ شۇ كۈنى ۋەقە مەيدانىدا بولمىغان بولسىمۇ، ئەتىسىدىكى تازىلاش ھەركىتىدە تۇتۇپ ئەكىتىلىپتۇ. ئۇنىڭغا سوراق نۆۋىتى كەلگىچە بىر يىل ئۆتۆپتۇ. ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندە، قېيىنئاتسى قىزىنى بۇ «چاتىقى تۈگىمەيدىغان» كۈيئوغۇلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجىغا ئېلىپ كېتىپتۇ.
ئەسلىدە بۇ يالغۇز يارمەمەتنىڭلا قىسمىتى ئەمەس. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاپچال جاغىستايلىق ئىلھام ئىمىنجان 21 ياش ۋاقتىدا 15 يىللىق كېسىلىدۇ، ئالتۇن دەۋرىنىڭ تۈرمىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىغا ئېچىنغان ئائىلىسىنى ئۇنى تۈرمىدىن چىقىشىغىلا ئۆيلىۋېتىنىشنىڭ پلانىنى تۈزۈپ تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنىڭ يەنە ئۇزارتىلغانلىقى خەۋىرىنى ئالىدۇ. بۇ جەھەتتە جاغىستايدىكى ياغاچچى ئەركىن ئىمىنجان بىراز " تەلەيلىك" ، ئۇ ئىككى قېتىم جازا ئۆتەپ چىقىشنىڭ ئارىلقىدا ئۆيلىنىدۇ، بىر يىل ئۆتىدۇ ۋە بىر پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ ھازىر ئۈچىنجى قېتىملىق جازاسىنى ئۆتەش ئۈچۈن تۈرمىدە، ئايالى تۇل، بالىسى يېتىم. قازاقىستاندىن قايتۇرۇلغان مەشھۇر سىياسىي پاناھلانغۇچى ئەرشىدىن ئىسرائىلمۇ 3 نۆۋەت تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئايالى 25 يىللىق ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ پەقەت 4 يىلىدىلا يولدىشى بىلەن بىللە بولالايدۇ، قالغان مەزگىلىنى تۈرمىدىن تېلىپون ۋە مەكتۇپ كۈتۈپ ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ رېئاللقىنى ئەسلىگىنىمدە، يارمەمەتنىڭ تۆۋەندىكى مەمنۇنىيەت ھىسسىياتىغا تەبىئىي ھالدا ئورتاقلاشتىم:
---- ئەلۋەتتە، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن تېخىچە بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، يۈرەك ئېچىشىدۇ، ئەمما شەخسىي ھاياتىمنى ئويلىسام ، ئەھۋالىم بەزى كىشىلەر ئىچ ئاغرىتىپ كەتكەندەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئەمەس، ۋاپادار ئايالىم بار، ئوماق بالىلىرىم بار، ئاللاھغا مىڭ قەترى شۈكرى. ماڭا بۇ نىمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھ، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن چوڭراق بىر ئىشنى قىلىش پۇرسىتىنىمۇ بېرىدۇ دەپ ئىشىنىمەن ۋە تىلەيمەن.
ئۆتكەن بەش يىللىق تۈركىيە سەپىرىمدە كۆپىنچىسى تاساددىپىي سەۋەپلەر بىلەن سۈرىيەدىن كەلگەن بىر قوماندان، ئىككى ئوفىتسر ۋە بىرقانچە جەڭچى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزدا، قىززىقىش-ھەۋەسلىرىمىزدە ئالاھىدە بىر پەرقنى كۈرمۈدۈم؛ پەقەت ئولتۇرۇپ قوپۇشلۇرىمىزدا، بۇلارنىڭ نامازغا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇشى بار، بىر مىنۇتمۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەسلىكى بار؛ بۇ ئەلۋەتتە قىسمەن ۋە ئۆلگىلىك پەرق، ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلغاي!
https://bitterwinter.org/