خىتاي تەرىپىدىن ئىمبارگو قويۇلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو

ئامېرىكىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئوخىتاينىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدچىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولغان بىر سىياسىئون. ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى قېتىم خىتاينىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئەتىسى كۈنى، ماركو رۇبىئو 21-يانۋار قەسەم بېرىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى.

ھالبۇكى، بېيجىڭنىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي ماركو رۇبىئوغا قاراتقان ئىمبارگونى بىكار قىلامدۇ-يوق؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خىتاينىڭ ئىمباروگىسىغا ئۇچرىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى

2020-يىلى، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى ئەمەلدارلارغا كىشىلىك ھوقۇق جازاسى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان فلورىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئىككى قېتىم بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىش جازاسىغا ئۇچرىغان.

2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كېڭەش پالاتاسى ماركو رۇبىئونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشىنى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، رۇبىئو خىتاينىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچراپ تۇرۇپ ۋەزىپىەە ئولتۇرغان تۇنجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ قالدى.

بېيجىڭ يەنە 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا جازا بەردى، بۇ دەل تۇنجى ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن بىر كۈن كېيىنكى كۈن ئىدى.

رۇبىئونىڭ خىتايدىكى خاتىرىسى

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى 20-يانۋار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللاندى.

رۇبىئو كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 150 كە يېقىن قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش؛ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسى، مەبلىغى ۋە فېدېراتسىيە باج كىرېدىتىگە ئېرىشىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سانائەت كۈچىنى قوغداش؛ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرى ۋە جاسۇسلۇقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق قانۇن لايىھەلىرى بار.

ئۇ يەنە 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، رۇبىئونىڭ خىزمەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك سىستېمىنىڭ يىمىرىلىشىگە قارشى بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

رۇبىئو 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 2022-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئورتاق قوللىغۇچىسى.

2025-يىلى 23-يانۋار