ئىستانبۇلغا جايلاشقان «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ X ھېسابىدا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» بىلەن مالايسىيادىكى تەسىر كۈچكە ئىگە تەشكىلات - «مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» ئابىم (ABIM) ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار 24-يانۋار مالايشىيادا تۇرۇشلۇق تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر-مالايسىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى مۇدىرى ئۇمۇرۇ خانىم مالاي تىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇمۇرۇ خانىم ئۇيغۇر-مالايشسيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ھەمدە مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات مالايسىيادا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن خىزمەت قىلماقتا.
مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى فەھمى شەمسۇددىن ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت 24-يانۋار تايلاندنىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغان.
ھەيئەت بۇ جەرياندا ئەلچىخانىدا ئەمەلدارلىرى بىلەن تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ سۇنغان. مەكتۇپتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بىر ئىسلامىي تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىمۇ ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.
گەرچە تايلاند باش ئەلچىسى ۋە تايلاند مۇداپىئە مىنىستىرى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتىكى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى سەۋەبىدىن، بۇ خەۋپ يەنىلا يوقالمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر داۋاملىق كۈچەيمەكتە.
2024-يىلى 25-يانۋار