ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

25-يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىننى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ۋە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
 
ئىگىلىشىمىزچە، يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رائىلە كاشغارلى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
 
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى مۇسا ئارسلانتاشنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ ئۇقتۇرۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دىپلوماتلىرى خۇددى ئولجىغا ئېرىشكەن بۇلاڭچىلارغا ئوخشاش ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تۈركىيەنىڭ ھەم ئىچكى ھەم تاشقى ئىشلار ئىدارىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاستانادا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كوزىر قىلىپ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان».
 
پىروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەنە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر يىغىن ۋە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلسا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىنمۇ بىئارام بولۇپ بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق يىغىن بىكار قىلىنماستىن بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
پىروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا تىنچلىق بەرپا بولۇش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ھەل بولىدۇ، يەنە بىر نۇقتا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى قارار بېرىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىدا ھېچ كىم ئۆزى چاغلاپ قارار بېرەلمەيدۇ».
 
پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئىلھام توختىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىر ئەركىنلىك كۈرەشچىسى بولغان ئىلھام توختى زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئاساسىي قانۇندا يېزىلغان بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچى دېگەن قالپاق بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئاكادېمىك كەسىپدىشىمىز، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتىمىز، قانداق قىيىن-قىستاق ۋە ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمىز».
 
يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمى مۇدىرى مېتىن كۆسە ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىمۋوللۇق ئىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق».
 
يىغىندا سۆز قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى شۇنداقلا ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى ھەم قوغدىغۇچىسىدۇر. ئۇ، 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئىلھام توختىغا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسى بېرىلدى. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى».
475106598_9098543400213503_6304881424791399701_n
 
يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇلاسە دوكلاتىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەت ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقى قىلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش، خىتاي ئاساس قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى تەلەپ قىلىندى.
 
يىغىندا سۆز قىلغان ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى قوغداشنى نىشان قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەزىز تۈرك مىللىتى ۋە قىممەتلىك ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە خىتايغا بېرىدىغان ئەڭ گۈزەل رەددىيەسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قوللاپ ئۇنى دۇنيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر».
 
يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى رەئىسى جاھىد داك ۋە تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى رەئىسى سائادەت پىنار يىلدىرىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
 
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا يەنە ئىلھام توختىنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. 
 
2025-يىلى 27-يانۋار