سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى دۆلەتنىڭ مۇۋەققەت پرېزىدېنتى بولدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد شارا 29-يانۋار چارشەنبە كۈنى رەسمىي ھالدا ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلىندى.

سۈرىيەدىكى ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلاردىن شامنى ئازاد قىلىش تەشكىلاتى (ھەيئەت تەھرىر شام) نىڭ رەھبىرى بولغان ۋە ئەسەد ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھمەد شەرا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر قايسى قوراللىق گوروھلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كىشەننى ئۈزۈپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ئازاد قىلدۇق ۋە پايتەخت دەمەشق ئۈستىدىكى خارلىق توزانلىرىنى تازىلىدۇق، سۈرىيە قۇياشى قايتا پارلىدى» دېگەن ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئىچكى تىنچلىقنى قوغداش، دۆلەت ئورگانلىرىنى قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سۇرىيەنىڭ خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئابرۇيىنى قايتىدىن تىكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كىملىك ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا، خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرىدىغان بىر سۇرىيە كىملىكى بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان.

شەيبانى سۆزىدە يەنە سۇرىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق، ھۆرمەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ياخشى مۇھىت يارىتىشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بەششار ئەسەدنىڭ پارتىيىسى تارقىتىۋېتىلىدۇ

رەسمىي باياناتلارغا قارىغاندا، شارا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە سۈرىيەنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ، خەلقئارا ئىشلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ھۆكۈمەت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىكى ئارمىيە، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە بارلىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛

60 ياشلىق سۈرىيە ئەرەب سوتسىيالىستىك (Baath) پارتىيىسى ۋە مىللىي تەرەققىيات سېپىدىكى باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شارا رەھبەرلىكىدىكى شامنى ئازاد قىلىش برىگادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەربىي گۇرۇھلار تارقىتىلىدۇ ۋە ئۇلار دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

بۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى سۈرىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەربىي قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان ھەربىي ھەرىكەت ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ھەسەن ئابدۇل غەنى ئېلان قىلدى.

ئابدۇلغەنى باياناتىدا يەنە 2012-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئاغدۇرۇلغان بەششار ئەسەد تۈزۈمىگە تەۋە ئارمىيە، بىخەتەرلىك بۆلۈملىرى ۋە پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ باياناتىدا ئەسەد رېجىمى ئاغدۇرۇلغان 8-دېكابىر كۈنىنىڭ سۇرىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بەئس پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە پۈتۈن كومىتېت، ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى قايتا قۇرۇلمايدىغان تەرىقىدە تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دەمەشىققە تۇنجى چەتئەل دۆلەت باشلىقى زىيارىتى

ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر كۈن كېيىن، سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل دۆلەت رەھبىرىنى كۈتۈۋالدى - قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانى پەيشەنبە كۈنى دەمەشىقتە زىيارەتتە بولدى. ئۇ ئەششارا بىلەن ھەمكارلىق ۋە قايتا قۇرۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى مەۋجۇت پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ 2012-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۈرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شارا دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي قانۇنى تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولغۇچە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان «ئۆتكۈنچى قانۇن كېڭىشى» قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ئېلان قىلىنمىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەدبىر چارشەنبە كۈنى كەچتە شارا ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قاتناشقان بىر قانچە قوراللىق گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

2025-يىلى 30-يانۋار