قانداق قىلغاندا توغرا قارار قىلالايسىز؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتىمىز ھەرخىل تاللاشلار بىلەن تولغان بولۇپ، توغرىسىنى تاللاپ قارار قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ماھارەت كېتىدۇ. بۇ يەردىكى ماھارەت قارار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىنى ئوبدان بىلىش،  قاراردىن كېلىپ چىقىدىغان پايدا-زىياننى مۆلچەرلەش، ئېھتىياج بىلەن رىغبەتنىڭ پەرقىنى ئايرىش، ئۆز ئىمكانىيىتىنىڭ چەك-چېگرىسىنى بىلىش قاتارلىقلاردۇر.

توغرا قارار قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەمچى بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1.  نىشانىڭىزنى بەلگىلىۋېلىڭ

نەگە بارىدىغانلىقنى بىلىش كومپاسقا ئوخشاش بولۇپ، ماڭىدىغان يولىڭىزنى تاللىشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ. ناۋادا سىز ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشتا گاڭگىراپ قالغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ياكى ئاساسلىق مەقسەتنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بۈگۈن چۈشتە نېمە يېيىشنى تاللىماقچى بولغاندا، تاماق يېيىشتىكى مەقسىتىڭىز تەن ساقلىڭىزنى ساقلاشمۇ ياكى پەقەتلا لەززەتلىنىشمۇ؟ تاۋارلىرىڭىزغا باھا بەلگىلىمەكچى بولغىنىڭىزدا، خېرىدارلارنىڭ بايلار تەبىقىسىدىن بولۇشىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويامسىز ياكى نورمال ئىنسانلارنىمۇ؟ بۇلارنى بىلگىنىڭىزدە سىزنىڭ قىلماقچى بولغان قارارىڭىز تېخىمۇ ئېنىق ۋە روشەن بولغان بولىدۇ.

2.  يېتەرلىك مەلۇمات توپلاڭ

بىرەر ئىش ھەققىدە توغرا قارار قىلىش ئۈچۈن سىزدە شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك چوقۇم تولۇق مەلۇمات بولۇشى لازىم. مەلۇمات بولغاندىمۇ ئېنىق ۋە ئىلمىي بولۇشى كېرەككى، كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغانلىقى ياكى كۆپ ئېلان بېرىلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماختىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، شۇ ئىشنىڭ مۇناسىپ بولۇپ-بولماسلىقىغا قاراپ قارار قىلىش كېرەك.

3.  يېزىۋېلىڭ

قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقىش سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى، سىز ئىشنىڭ بولىدىغان ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرىنى ئېنىق يازغىنىڭىزدا تاللاش ئوڭايلىشىدۇ، كۆپ تاللاشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ۋە خاتا قارار قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ.

4.  قارارنىڭ چارچىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىڭ

بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىرەر ئىشنى قارار قىلالماي ئۇزۇن ۋاقىت ھەپىلىشىشنىڭ زېھىننى چارچىتىپ توغرا قارار قىلىش كۈچىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئىنسان ھېرىپ قالغان ۋاقتىدا ئىشنىڭ ئارقا-كەينىنى كۆپ ئويلاپ كەتمەيلا ئوڭاي قارار قىلىۋېتىدۇ. مەسىلەن: سىز بىر كۈن كەچكىچە زېھنىي ئەمگەك بىلەن قاتتىق ئىشلەپ، كەچتە ئۆيگە ھارغىن پېتى كەلگىنىڭىزدە، پەرزەنتلىرىڭىز سىزدىن نورمالدا سىز ئويناشقا رۇخسەت قىلمايدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، پەقەت زېھنىڭىزنى راھەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا رۇخسەت قىلىسىز. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ قارارنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ يېتىسىز.

5.  ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ

ئادەم ھاياجانلانغان چاغدا ھېسسىياتقا كۆپرەك بېرىلگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا ئەقىلنىڭ يول كۆرسىتىشىگە پۇرسەت بېرىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا توغرا قارار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بىز بىرەر ئىشتىن ياكى نەرسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ياكى ھاياجانلانغان چېغىمىزدا ئەقىلغا مۇخالىپ قارارلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئىسلام قانۇنىدا قازى (سوتچى) غەزەپلەنگەن ھالىتىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ. غەزەپتىن ئەقلىنى يوقاتقىلى تاس قالغان ئادەمنىڭ تالىقىنى ھېساب قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا ئەقىل ئىشنىڭ سىرتىدا قالغان بولىدۇ.

6.  قاراردىن كېيىن ئىككىلەنمەڭ

بىرەر ئىشنى قىلىشقا قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى باشلاش كېلىدۇ. ئۇ چاغدا مەزكۇر قارارنىڭ توغرا- خاتالىقىنى ئويلاپ ئولتۇرۇش بىھۇدىلىكتۇر ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدۇر. شۇڭا قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن زېھنىمىزنى شۇ قارارنى ئىجرا قىلىشقا بېغىشلىشىمىز لازىم. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ) فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ( « بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» دەپ كۆرسەتكەن.

 

ئېھتىياجىڭىز بىلەن رىغبىتىڭىزنى ئايرىۋېلىڭ

ھەر زامان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش رىغبەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى، ئېھتىياجنى شارائىت بەلگىلەيدۇ، ئەمما رىغبەتنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئون باينىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلىڭ. بىر كۈنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى بىر قاقاس سەھرادا چۈشۈپ كەتتى، سىز بولسىڭىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىڭىز، ئەمما كۈننىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا بىر يۇتۇم سۇغا زار بولدىڭىز. مۇبادا سىز تاپالمىسىڭىز ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدىغانلىقىڭىز قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئىش بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا سىز بىر بوتۇلكا ئۈچۈن پۈتۈن بايلىقىڭىزنى بېرىشكە رازى بولامسىز؟ مەندە قىلچە ئىككىلەنمەي بېرىسىز. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىزنىڭ بايلىقىڭىز شۇ بىر بوتۇلكا سۇچىلىك مۇھىم ئەمەس.

بۇ سىزنىڭ بايلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى يوقاتقانلىقىدىن ياكى بىر بوتۇلكا سۇنىڭ شۇنداق قىممەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج يۈزىسىدىندۇر. بۇنداق شارائىتتا قارار قىلىشنى كېچىكتۈرۈش چوڭ خاتالىق بولىدۇ.

 بۇ مىسالدىن قارارلىرىمىزغا ئېھتىياج ۋە شارائىتنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 

خاتا قارار قىلىشتىن ساقلىنىڭ

بىز كۆپ ۋاقىتلاردا خاتا قارارلارنى قىلىپ قويىمىز. بۇ بىزنىڭ ئېھتىياج، رىغبەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ. ھەممىمىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلىنىمىز، ئەمما بىز شۇ ئىشلارغا راستتىنلا ئېھتىياجلىقمۇ؟ ياق. بەزىسىگە ئېھتىياجلىق، بەزىسىگە رىغبىتىمىز بار. شۇڭا خاتا قارار قىلماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياجىمىز بىلەن رىغبىتىمىزنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىشىمىز لازىم.

خاتا قارار قىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئاچچىقىمىز كېلىپ قالغاندا ياكى بەك ئالدىراش ۋاقىتتا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە قىلغان قارارىمىزدۇر. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتلاردا قارار قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

خۇلاسە كالام، ھەرقانداق بىر ئىشتا توغرا ۋە ساغلام قارار قىلىش ئۈچۈن، ھېسسىياتتىن، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋە سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلىنىش لازىم.

مۇھىم قارارلارنى چارچاپ قالغاندا ياكى ئالدىراپ تۇرغاندا قىلماسلىق لازىم. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇدىردىن تەلەپ قىلىدىغان يوللۇق بىر تەلىپى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى مۇئەللىمىدىن قانداق قىلسا مۇدىرنىڭ مۇۋاپىقەتچىلىكىنى ئالالايدىغانلىقىنى سورىغاندا، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىغا: «مۇدىر چارچىغان، قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ۋە ئۆيىگە بېرىشقا ئالدىراپ تۇرغاندا چاغدا ئۇنىڭغا تەلىپىڭنى تەقدىم قىل» دەيدۇ. ئوقۇغۇچى: «قايسى ۋاقىت ئەڭ مۇناسىپ؟» دەپ سورايدۇ. مۇئەللىم: «مۇدىر ئىشتىن چۈشكىلى قوپقاندا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچى شۇنداق قىلىدۇ ۋە راستتىنلا مۇدىرنىڭ مۇۋاپىقەتچىلىكىنى ئالىدۇ.

 

ئىبرەت:

-  ھېسسىيات، شەخسىي ئېھتىياج، شارائىت قاتارلىقلار بىزنىڭ كۈندىلىك قارارلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

-  خاتا قارار قىلىپ ئۆزىڭىزگە مالامەت قىلماي دېسىڭىز، قارار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىنى، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىڭ، ئاندىن يۈرىكىڭىزنى تىڭشاڭ ۋە ئىستىخارە قىلىڭ.

-     ئالدىراپ تۇرغان ياكى غەزەپلەنگەن ياكى چارچاپ كەتكەن ۋەياكى ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا قارار قىلماڭ.

- مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

2025-يىلى 3-فېۋرال