دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش، ئىستانبۇل، 2025-يىلى 5-فېۋرال.

1997-يىلى رامىزان ئېيىدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە ئارقىدىن داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر قاتارىدا ھەر يىلى خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ۋەقە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش روھىنى ئەكىس ئەتتۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلىپ بەرگەن. بۇ يىل 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا 28 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتە دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. 

1997-يىلى 5-فېۋرال يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 5-فېۋرال خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاينىڭ تارىختىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ شۇ كۈنى رامىزاندا ئىبادەت قىلىۋاتقان خەلقنى باستۇرۇش جىنايىتىگە قارشى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ياكى ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتكە چېتىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئېغىر جازالىغانلىقىنى، خىتاي نامايىشنى باھانە قىلىپ غۇلجا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە 20 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق خەلقنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

باياناتتا يەنە يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ۋەيران قىلغانلىقى، خەلقنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ساق-سالامەت تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماي، ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا غۇلجا قەتلىئامنىڭ گۇۋاھچىسى قاسىمجان داموللام سۆز قىلدى. ئۇ 28 يىل ئىلگىرى غۇلجا قەتلىئامىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش روھىنى ئۇنتۇماسلىق، پىداكار روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتايغا قارشى جانلىرىنى ئاتىغان بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا، 2-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار بۇ جەرياندا خىتايغا قارشى غەزىپىنى ئىپادىلەپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن  بىرگە، ئۇيغۇر ۋە شىۋېت تىلىدا بايانات ئېلان قىلغان.

May be an image of 9 people and text

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە، سىياسىي باستۇرۇشلىرى تەكىتلەنگەندىن باشقا، 1997-يىلى 4-فېۋرال غۇلجىدا خىتاينىڭ رامىزاندا ئىبادەت قىلغان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ 5-فېۋرال نارازىلىق نامايىشى قىلغانلىقى، خىتاي شۇ قېتىمقى تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى ئوققا تۇتۇش، قەھرىتان سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىش ۋاسىتىسى بىلەن باستۇرغانلىقى، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى شېھىت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان شوئارلىرىدىن، سادالىرىدىن قاتتىق بىئارام بولغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا قارشى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ياڭراتقۇسى بىلەن خىتاينىڭ ماتەم مۇراسىمىدا قويىدىغان مۇزىكىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويۇپ بېرىپ، نامايىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

2-فېۋرال ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان شىنجۇكۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ تەسىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە زور بولغان.

قىرغىزىستاندىمۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىللىشى بىلەن، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغان.

گوللاندىيەدىمۇ 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن شۇ كۈندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىز پۈكمەس روھى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

2025-يىلى 5-فېۋرال