رىشات ئابباس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يازما خاتىرىسىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىشقا چاقىردى

رىشات ئابباس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يازما خاتىرىسىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىشقا چاقىردى

6-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خاتىرىنى ساقلاپ قېلىش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراتقان مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە خاتىرىسىنى قوغدىشىغا قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر يازما خاتىرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يازما خاتىرىسى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق قوغداپ قېلىشنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ھەم پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ يىغىندا، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ رەئىسى، دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رىشات ئابباس گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ مىسلىسىز يوقىتىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر يازما خاتىرىسىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

2024-يىلى 6-دېكابىر