ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ( Select Committee on the CCP) ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نى ۋە ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «لى مۇئەللىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن بىلىنگەن خىتاي پائالىيەتچى لى يىڭنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

5-فېۋرال كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مولېنار (John Moleenar) بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamorthi) ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر ئىككى نامزاتنى تەبرىكلىگەن.

راجا كىرىشنامورتى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى ۋە لى مۇئەللىمنى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي غۇرۇر ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ھارماس تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمىز. ئۇلار دەۋرىمىزدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى ئالدىدا ئادالەتسىزلىككە جەڭ ئېلان قىلماقتا ۋە جىمىقتۇرۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا.»

جون مولېنار ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە، «‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى ھارماي-تالماي تەشۋىق قىلىش، جەسۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى يەر شارى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سۈكۈت تېمىنى بۇزۇپ تاشلىدى» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قوش رەئىسلىرىدىن بولغان دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نى 2022-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. 2023-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كانادا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئىلھام توختى ۋە رابىيە قادىر خانىملارمۇ ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى شەخس ياكى تەشكىلاتلار بۇ يىل 10-ئايدا نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

2025-يىلى 7-فېۋرال