مۇھەممەد يۈسۈپ
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «ئەلبېيك» تېز يېمەكلىك ئاشخانىلىرىنىڭ ئىگىسى رامى ئەبۇ غەزالە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« مۇندىن قىرىق يىل ئىلگىرى دادام چەتئەلگە چىقىپ، فىرانسىيەنىڭ «بروست» تېز يېمەكلىك شىركىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بۇ شىركەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋەكىلى بولدى. دادام فىرانسىيەدىن كېلىپ ئاشخانا ئاچتى، بروستنىڭ خۇرۇچلىرى فرانسىيەدىن كېلەتتى. بۇنداق تېز يېمەكلىكلەر 1974_ يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستان جەمئىيىتىگە نىسبەتەن يېڭىلىق ئىدى. شۇڭا خېرىدار ئىنتايىن ئاز ئىد، ھەتتا بىر يىلدا ئاشخانىمىزغا كېلىدىغان خېرىدار سانى يۈزدىن ئاشمايتتى. كىرىم، ئاز بولغانلىقتىن دادام ئاشخانىغا ئىشچىمۇ ئالمىغان بولۇپ، ھەممە ئىش ئۆزى قىلاتتى، خېرىدارلارنى ئۆزى كۈتەتتى، تاماقنى ئۆزى پۇشۇراتتى، تازىلىقنى ئۆزى قىلاتتى. چۈنكى بىز كىچىك ئىدۇق، بىزنى ئوقۇڭلار دەپ ئاشخانىنىڭ ئىشىغا سالمايتتى. دادام شۇنداق ئىشلەپمۇ ئاشخانىنىڭ چىقىملىرىنى ئاران چىقىراتتى، پايدا يوق ئىدى.
ئىككى يىلدىن كېيىن دادام ۋاپات بولدى. فىرانسىيەدىكى شىركەت دادامنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىتتىپاقنى ئەمەلدىن قالدۇردى. دادامنىڭ تارتقان جاپالىرى بىكار كەتتى، بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاچقان ئاشخانىسى تاقىلىل قالدى. بۇ ئارىدا بانكىدىن خەت كەلدى، بىز بانكىغا مىليون رىيالدىن كۆپرەك قەرزدار ئىكەنمىز. بانكا بىزگە ئىككى چىقىش يولى كۆرسىتىپتۇ: يا بارلىق ئىگىدارچىلىقىمىزدىكى نەرسىلەرنى بانكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قەزرنى تۆلەش ياكى ئىككى يىل ىچىدە ئاز_ ئازدىن تۆلەشتىن ئىبارەت ئىدى. بىز ئىككىىنچىسىنى تاللىدۇق. ئۇكام بىلەن ئىككىمىز قاتتىق ئىشلەپ قەرزنى تۆلەشكە بەل باغلىدۇق. شۇنداق قىلىپ بىز دادامنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كىچىك بىر تېز تاماقخانا ئاچتۇق. ئۆرە تۇرساق بېشىمىز تاقىشىپ قالىدىغان كىچىككىنە بىر ئۆيدە تاماق تەييارلايتتۇق، ئاشپەزمۇ ئۆزىمىز، ئىشچىمۇ ئۆزىمىز، تازىلىقچىمۇ ئۆزىمىز بولدۇق. چاي، قەھۋە دېگەنلەرنى، ئالىي تاماقلارنى ئۆزىمىزگە ھارام قىلىۋەتتۇق. ناھايىتى ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ ، ھەممىنى ئۆزىمىز قىلدۇق، ھەتتا خۇرۇچلارنى ئۆزىمىز ياساپ چىقتۇق. چۈنكى فىرانسىيەنىڭ خۇرۇچلىرى بەك قىممەت ئىدى. خېرىدارلارنى بۇ يېڭى خۇرۇچقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ، تۆت يىل كەتتى، ئىشىمىز ئىنتايىن ئاستا مېڭىۋاتاتتى. چۈنكى شۇ چاغلاردا جىددە شەھىرىدە 400 دىن ئارتۇق تېز تاماقخانىسى بار ئىدى. بىز باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق ئالاھىدە بىر ئىش قىلىشمىز كېرەك ئىدى.
بىز ئاستا_ ئاستا چوڭىيىشقا باشلاپ، ئاىشچىلارنى ئالىدىغان سەۋىيەگە كەلدۇق، ئۇلارنى تېز خىزمەت قىلىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق. خۇرۇچلارنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي مەخپىي ھالدا ئۆزىمىزلا تەييارلايتتۇق. شۇنداق قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ مەشھۇر «ئەلبېيك» تېز يېمەكلىك ئاشخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۇردۇق».
مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقتىن قورقماڭ
مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقتىن قورقماڭ. چۈنكى ھايات تەجرىبىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىدۇر. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقتىن قورققان ئادەم ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس، بەلكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.
مۇۋەپپەقىيەت قايتا_ قايتا ئۇرۇنۇپ بېقىشنىڭ، ۋاز كەچمەسلىكنىڭ ۋە توختاپ قالماسلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. چۈمۈلىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، چۈمۈلە ئۆزىنىڭ ھەجىمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ، سىز بارمىقىڭىز بىلەن ياكى ئالدىغا بىر نەرسە قويۇۋېلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالسىڭىز، ئۇ دەرھال باشقا يولدىن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، زادى توختاپ قالمايدۇ، ئىگىزگە چىقىدۇ، چۈشىدۇ، ئىشقىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەر يۈزىدە بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن ۋە غالىب قىلىش غايىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمىدى، ئۈمىدسىزلەنمىدى، دەۋىتى بىر قېتىم مەغلۇب بولسا، يەنە قايتا باشلىدى، مەككىدىكىلەر قولاسق سالمىسا، تائىفقا بېرىىپ دەۋەت قىلدى، دەۋىتىنى تۇغقانلىرى قوبۇل قىلمىسا، باشقا قەبىلىلەرگە باردى. ئۆز دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا گاھ كىشىلەرنى ئۆيىگە زىياپەتكە چاقرىدى، گاھ سافا تېغىغا چىقىپ تۇرۇپ ھەممە قەبىلىگە نىدا قىلدى، گاھ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ دەۋەت قىلدى.
ئىشقىلىپ دەۋەتتىن ۋاز كجەچمىدى. مۇشرىكلار ئۈستىگە تۆگىنىڭ ئىچى_ قېرىنلىرىنى ئارتىپ قويغاندىمۇ ۋاز كەچمىدى. تائىفلىقلار تاش ئېتىپ پۇتىنى قان قىلىۋەتكەندىمۇ ۋاز كەچمىدى.
ساھابىلىرىنى «بۇ دىن كېچە بىلەن كۈندۈز يېتىپ بارغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم يېتىپ بارىدۇ»( ) دەپ رىغبەتلەندۈردى. ئاخىرى غەلىبە قىلدى.
دىزنى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋالت دىزنى مەزكۇر شىركەتنى قۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان، كۆپ قېتىم زىيان تارتقان ئىكەن .
جورج بىرناردشوۋ توققۇز يىل ھارماي_ تالماي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، يازغان نەرسىلىرىگە بىر تىيىن تاپالمىغان. كۈندە بەش بەت ماقالە يېزىپ تۇرۇپمۇ، بىرەر ماقالىسى باھاغا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق قەتئىي ۋاز كەچمىگەن ۋە يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئاخىرى دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن بولغان ئىكەن.
فرانكلىن روزۋېلت بىر قانچە يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان ئىلمىي ئەمگىكى كىنو شىركىتى يەرىپىدىن رەت قىلىنغاندا قاتتىق بىئارام بولغان بولسىمۇ، قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي، ۋاز كەچمەي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى رەئىسى رەئىس بولغان ئىكەن.
ھېنرى فورد ئۆزىنىڭ مەشھۇر فورد شىركىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن بەش قېتىم چوڭ زىيان تارتىپ ئىقتىسادتا نۆلگە چۈشۈپ قالغان ئىكەن.
مۇۋەپپەقىيەت بىر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكتىن يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە يۆتكىلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
_چېرچىل
ئارزۇنى مۇمكىن ئەمەس قىلىپ قويىدىغان بىرلا نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقتىن قورقۇشتۇر.
_ پاۋلۇ كويىلھو
بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىز تەرپىمىز ۋاز كېچىۋېتىشتۇر، بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋاز كەچمەسلىكتۇر.
_ توماس ئېدىسون
گېنىرال موتورز شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا شىركەتنى باشقۇرىدىغان بىر ئادەم ئىزدەپ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن بىرىنى تاللاپ چىقققان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىشقا ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىكەن.
توماس ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن 40 مىڭ بەتلىكتىن ئارتۇق خاتىرە يازغان. لامپۇچكىنىڭ قىلىنى ياساشتا 5 مىڭ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان. لامپۇچكا بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما 1880-يىلدىن بۇرۇن، ئېلېكتىر چىراغ تېخى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، شۇ چاغدا ياي نۇرلۇق چىراغلار ئەڭ مودا بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىشقا ۋە ئىزدىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇنى بىر ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلدى، بەزىلەر ئۇنى قۇرۇق لاپ ئېتىۋاتىدۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتىدۇ دەپ مازاق قىلدى. يەنە بىر قانچە ئالىملار ماتېماتىكا ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، دەپ ئىسپاتلاپمۇ بەردى. لېكىن ئېدىسون باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سىناق قىلدى.
ئۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي پۈتۈن زېھنىنى لامپۇچكا قىلىنى تەجرىبە قىلىشقا سەرپ قىلدى، پەقەت ئۆسۈملۈك تۈرىدىن 6000 خىلدىن ئارتۇقنى تەجرىبە قىلدى. ئۇنىڭ تەجرىبە خاتىرىسى 200دىن ئاشىدۇ، جەمئىي 400 يۈز مىڭ بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، مۇشۇنىڭغىلا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. 1880-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا قىلى سىنىقى يەنىلا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما ئۇ ھارماي- تالماي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى لامپۇچكىنىڭ قىلىنى ياساپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
كۇۋېيتتا چىقىدىغان« ئەل مۇجتەمە»ژۇرنىلىنىڭ 2012_ يىلى13_ ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلىنغان «فوردنىڭ غەلىبىسى»دېگەن بىر ماقالىدە، ئەڭ قەدىمىي ئاپتوموبىل«فورد»نىڭ ئىجادكارى ھېنرى فوردنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
ھېنرى فورد مەلۇم بىر ئېلېكتېر ئېنىرگىيە شىركىتىدە ئىسلەيدىغان ئاددى بىر ئىشچى ئىدى. ئۇ كۈندە 11 سائەت ئىشلەش بەدىلىگە ھەپتىدە 11 دوللار ئىش ھەققى ئالاتتى. ھېنرى كۈنلۈك 11 سائەتلىك جاپالىق ئەمگەكتىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە كەپىسىگە كىرىۋېلىپ يېڭى بىر موتور ياساش يولىدا يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيتتى. ھېنرىنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئۇنىڭ كېچە ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىنى ئەھمىيەتسىز ئىسلار دەپ قارايتتى ۋە ھېنرىنىڭ چوڭ ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچ قىلمايتتى. ھەممە ئۇنىڭغا كۈلەتتى، دوستلىرىمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كاتتا بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئېرىگە ھەمىشە مەدەت بېرەتتى، ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. كېچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىچىككىنە كەپىسىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى. قىش كۈنلىرى كېچىلىرى سوغۇقتىن قوللىرى تىترەپ تۇرۇپ، ئېرىگە جىن چىرىقىنى تۇتۇپ بېرەتتى، ئېرىگە ياردەم قىلىشتىن قەتئىي زېرىكىپ قالمايتتى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھېنرى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئايالىنى ماختايتتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلاتتى.
ھېنرى فورد كىسىلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە، دوستلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىغا ۋە ئاتا _ ئانىسىنىڭ ئىشەنمەسلىكىگە قارىماي، ۋاپادار ئايالىنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى بىلەن ئۈچ يىل جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىش بەدىلىگە دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوموبىل «فورد» ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقىدۇ. ھېنرى فورد ھاياجانغا تولغان ھالدا، ھېلىقى كىچىككىنە كەپىدىن تۆت چاقا بىلەن ماڭىدىغان موتورلۇق بىر ھارۋىنى ھەيدەپ چىققان چاغدا كىشىلەر كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان ئىكەن. بۇ دەل 1893 _ يىلىنىڭ ياز ئايلىرى ئىدى».
( بەخت- سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى) ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.