لوندوندا مىڭلىغان كىشى خىتاينىڭ «غايەت زور ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 غا يېقىن تەشكىلات لوندوندا خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» قۇرۇش پىلانىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى. 

«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، لوندون مەركىزىدىكى خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى (Royal Mint Court) نىڭ كېسىشمە بىنالار مەيدانىدا، نەچچە مىڭلىغان نامايىشچى خىتاينىڭ بۇ جايدا غايەت زور كۆلەمدىكى ئەلچىخانا قۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خوڭكوڭلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ماشىنا بىلەن نامايىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىنگەن.

مىڭلىغان نامايىشچى ئەلچىخانا سېلىش پىلانلانغان جايغا يىغىلىپ، «خىتاينىڭ لوندوندا يېڭى ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى تۇرىمىز»، «خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە پەيدا بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا تەخمىنەن 4000 ئادەم قاتناشقان. نامايىشچىلار لوندوندىكى مۇھىم تارىخىي ئورۇن بولغان خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى رايونىدا خىتاينىڭ يېڭى ئەلچىخانا سېلىش پىلانىغا قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ پىلاننى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

londonprotest

بۇ نامايىشقا ئەنگلىيەدىكى سىياسىي ئەربابلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendhat)، ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بلەيىر ماكدۇگال (Blair McDougall) ۋە ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سېكرېتارى روبېرت جېنرىك (Robert Jenrick)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق ئەزاسى دانكىن سىمىس (Duncan Smith) قاتارلىقلار نامايىشچىلارنى قوللىغان ھەم سۆز قىلغان.

توم توگېندانت نامايىشتا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت، شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. چۈنكى خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم. مانا ھازىر لوندوننىڭ شەھەر مەركىزىدە نامايىش باشلىنىپ كەتتى، بۇ جايدا خىتاي ئەلچىخانىسى مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بىزگە بۇ يەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭ ئەلچىخانىسى لازىم ئەمەس».

نامايىشقا قېتىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لوندوندىكى بۇ تارىخىي جايغا خىتاي ئەلچىخانىسى سېلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگىمۇ، ھەتتا ئەنگلىيە پۇقرالىرىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لوندوندىكى بۇ نامايىشنى تەشكىللەشتە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى رەھىمە مەھمۇت خانىم «بۇ بەلكىم لوندوندا يېقىنقى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ نامايىش بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2018-يىلىلا لوندوندىكى بۇ ئاۋات جاينى، يەنى 200 يىللىق تارىخقا ئىگە خانلىق پۇل قۇيۇش زاۋۇتى ئورنىنى سېتىۋېلىپ، ئەلچىخانا سالماقچى بولغان، بۇ ئەلچىخانىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى ئەلچىخانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر قۇرۇلۇش تاماملانسا، ئۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسى بولۇپ قالىدىكەن. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرى لوندون شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ يەرگە غايەت چوڭ كۆلەمدىكى ئەلچىخانا سېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلاننى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بۇ يىل 1-ئايدا ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. 

2025-يىلى 10-فېۋرال