خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى «ۋەتەننى پارچىلاش» مەيدانىدىن ۋاز كەچسە، دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بايانات ئىلان قىلىپ بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن 10-فېۋال دۈشەنبە مۇنداق دېگەن: ئەگەر دالاي لاما «توغرا يولغا قايتسا» ۋە بىر قانچە ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلىيالىسا، خىتاي ئۇنىڭ بىلەن شەخسىي كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ.
باياناتچى گو يەنە: «دالاي لاما شىزاڭنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشى كېرەك».
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى دالاي لاما 7-ئايدا 90 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ 1959-يىلى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭدىن كېيىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تىبەتكە قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، گو جياكۈننىڭ سۆزى دالاي لامانىڭ چوڭ ئاكىسى گيالو توندۇپنىڭ (Gyalo Thondup) ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خەۋەرگە جاۋابەن ئېيتىلغان ئىدى. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا گيالو توندۇپنىڭ 8-فېۋرال ھىندىستاندا 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
گيالو توندۇپ ئىلگىرى دالاي لامانىڭ ھىندىستانغا قېچىشىنى پىلانلىغان، كېيىن بېيجىڭ بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ دېڭ شياۋپىڭ، خۇ ياۋوباڭ ۋە شى جوڭشۈن قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن قەرەللىك كۆرۈشكەن.
لېكىن، سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى دولما تسىرىڭ دىخاڭ (Dolma Tsering Teykhang) بېيجىڭنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى. ئۇ: «ھۆرمەتلىكلەردىن يالغان سۆزلەشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ئۇ ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇلار ئۇنى تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېيىشكە زورلىسا، بۇ تارىخنى بۇرمىلىغانلىق بولىدۇ، ئەگەر تارىخ بۇرمىلىنىپ كەتسە، تىنچ ۋە دوستانە ھەل قىلىش چارىسى بولمايدۇ».
دالاي لاما 3-ئايدا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى «ئاۋازسىزلار ئاۋازى: مېنىڭ زېمىنىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئون نەچچە يىللىق كۈرەش» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە كۈرەشلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دالاي لاما 2011-يىلى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدىن ئايرىلغان.
2025-يىلى 11-فېۋرال