مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ چوڭ ئاپەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

مۇسۇلمانلار راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ – ۋاپالىق، ئىمان ـ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش دېگەندەك  ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇلغان.

ئۇلار يالغان ئېيتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ھارام يېيىش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ئائىلىسىدىكىلەرنى رەنجىتىش، قوشنىلارغا ئازار بېرىش، خىزمەتداشلىرىغا چوڭچىلىق قىلىش، باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، تۆھمەت قىلىش، ھەسەت قىلىش، قورقۇنچاقلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ھايۋانلارنى قىيناش، ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇق، پۇرسەتپەرەسلىك، پىتنىخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق دېگەندەك ناچار قىلىقلاردىن مەنئى قىلىنغان. مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۈچ ئاپەت تۆۋەندىكىچە:

1.    كىبىر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىبىرنى تونۇشتۇرۇپ: «كىبىر _ ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر»([1]) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى جۈملىلىك ئىخچام سۆز بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ مەنىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: ئۆزىنىڭ نەزىرىدە، يۈز – ئابرۇيدا، ياكى بايلىقتا، ياكى مەنسەپتە، ياكى ھۆرمەتتە، ياكى نەسەبتە تۆۋەن سانالغان، ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ھەق سۆزىنى، ياكى ئۇنىڭدىكى ھەققانىي تەرەپلەرنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.

كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: پېقىرلارنىڭ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۆزىنى ئۇلارغا تەڭ قىلمىغانلىقتىن غادىيىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۇلارغا سۆز قىلىشتىن قىسىلىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خوش ياقمىغان قىياپەتتە ئاڭلاش ۋە كۆرگەنلا مۇسۇلمانغا سالام قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھەققىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئۇلارنى ئازارلىغانلىق ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا تۇتقانلىقتۇر.

ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان، ھەتتا دىنسىزلارمۇ رەت قىلالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم سۆيۈلۈشكە ھەقلىق بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇ چوقۇم خار بولماي قالمايدۇ!

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ھەر زامان چۆكتۈرۈپ، كەمتەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۆزىنى يەر يۈزىنىڭ ئىلاھى دەپ ئېلان قىلغان پىرئەۋن، بايلىقىغا ئىشىنىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان قارۇن، مەنسىپىگە ئىشىنىپ ھەقىقەتكە قارشى چىققان ئەبۇ جەھىل قاتارلىق زالىملارنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

2.     ھەسەت

ھەسەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرى بويىچە، «كېسەللىك»تۇر. خۇددى مىكروبلار بەدەننى كاردىن چىقارغىنىدەك، ھەسەت ھەسەت قىلغۇچىنىڭ روھىنى پۈچەكلەشتۈرىدۇ، چىرىتىدۇ. ھەسەت ھەسەت قىلىنغۇچى ئۈچۈن ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى بارچە زىيىنى ھەسەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىغان ئادەم روھىي جەھەتتىن ھەمىشە بىئاراملىقتا ئۆتىدۇ، كېيىنچە، بۇ بىئاراملىق ئۇنىڭ بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ ــ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىكى مەنىۋى كېسەللىك ماددىي كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ، ئاخىرى شۇنىڭ بىلەن تۈگىشىدۇ.

ئىبلىسنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىشى، يەر يۈزىدە تۇنجى قاتىللىق دېلوسىنىڭ سادىر بولۇشى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىلىك كاتتىباشلارنىڭ مۇسۇلمان بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبچىسى ھەسەتتۇر.

ھەسەت ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، مەندە بولمىغان نەرسە ھېچكىمدە بولمىسۇن، دېيىش، يەنە بىرى، ئۇنىڭدا بولماي مەندە بولسۇن، دېيىشتۇر. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەسەت قىلغۇچىنىڭ قانچىلىك رەزىل، قانچىلىك پەس مەخلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا بولغان نەرسە مەندىمۇ بولسا بولاتتى، دېيىش ھەسەت ئەمەس، بەلكى قىزىقىشتۇر. بۇنى ئەيىبلىغىلى بولمايدۇ. گۈزەل ئەخلاق، ئىبادەت، تەقۋالىق ۋە ياخشى ئىشلاردا باشقىلارغا قىزىقىش ساۋابلىق ئىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.

3.      ئاچكۆزلۈك

   ئاچكۆزلۈك ئادەمنى بارلىق يامانلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى قانائەت قىلمايدىغان ئاچكۆز ئادەم يالغان ئېيتىشنى، ئالدامچىلىقنى، ساختىپەزلىكنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىغان ئىنساندۇر. شۇڭا ئۇ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبلىك كۆپرەك تاپاي دەپ سودىدا ئالدامچىلىق قىلىدۇ، ئاچكۆزلۈكى سەۋەبلىك بارغا قانائەت قىلماي يالغان ئېيتىدۇ، ئاچكۆزلۈكى سەۋەبلىك مەنپەئەت ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىمۇ ئالدايدۇ.

         ئاچكۆزلۈك ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن خارلىقنى تاللىغانلىقتۇر.

        ئاچكۆزلۈك ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى تۈرلۈك گۇناھلارغا، بايلارنى مونوپولچىلىق قىلىپ، ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، يوقسۇللارنى ھارام يېيىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر ئاپەتتۇر.

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا نەجدىلىك مەشھۇر شائىر ئەئشا ئىبنى قەيس دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. مەككىدىكى قۇرەيش كاتتىباشلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، «مۇھەممەدنىڭ يېنىدا ھەسسان ئىبنى سابىت دەپ بىر شائىر بار. ئەمدى بۇ شائىرمۇ قوشۇلسا بىزگە ياخشى بولمايدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئەئشا ئىبنى قەيسكە ئىسلامنىڭ ھاراقنى، زىنانى ھارام قىلغانلىقىنى، ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، گۇناھ قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئەئشا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ زىنانى ۋە ھاراقنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولىدىن قايتمايدۇ. ئاندىن قۇرەيش كاتتىلىرى ئۇنىڭغا يولىدىن قايتىپ كېتىش بەدىلىگە 100 تۆگە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندا، ئەئشا ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىمان ئېتيتماي يۇرتىغا قىيتىدۇ. ئۇ 100 تۆگىنى ئارقىسىغا سېلىپ يۇتىغا يېقىنلاشقاندا، ئاتتىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلىدۇ. ئاچكۆزلۈك بۇ ئادەمنى ئىماندىن ۋە مال دۇنيادىن بىراقلا ئايرىۋېتىدۇ.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

2025-يىلى 12-فېۋرال