كانادا چوقۇم كۈچلۈك ھەرىكەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك

12-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 شەخس بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە كانادا تىبەت كومىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى كانادا تەشكىلاتىغا سىستېمىلىق جازا بەردى. بۇ بېيجىڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنى نىشان قىلغان پروگراممىسىدىكى ئەڭ يېڭى ۋاستە، چۈنكى خىتاي ئۇلارنى دۇنياۋى ئوبرازىغا تەھدىت دەپ قارايدۇ.

بۇ ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ باستۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ غەربىدە نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قامالغان نەچچە يۈزلىگەن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ بار.

كانادا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقتىكى ماياك قىلىپ تەسۋىرلەپ كەلگەن. كانادا ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى. ئەمما بۇ سۆزلەرنى ھازىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

پارلامېنت بۇ مەسىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتايدىغان قارار ماقۇللىشى كېرەك. شۇنداقلا، كانادا مەجبۇرىي ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى بىلەن ياسالغان خىتاي ئىمپورتىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشى كېرەك.

شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، كەم دېگەندە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت توپىدىكى كىشىلەر يەنىلا خىتاينىڭ «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا.

بۇ لاگېرلاردىن ئامان قالغۇچىلار بولسا كەڭ كۆلەملىك دۆلەت تەشۋىقاتى بىلەن بىرگە ھەر خىل شەكىلدىكى جىسمانىي ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكلەرنى پاش قىلدى.

كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش ۋەدىسى ياخشى باشلىنىش، ئەمما ئۇ تېخىمۇ سىستېمىلىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، رەھبەرلىرىمىز بىر پىكىرگە كېلىشى كېرەك. بۇ پارتىيەۋى مەسىلە ئەمەس. ھەممە پارتىيە رەھبەرلىرى خىتاي ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋام پالاتاسىدا پارتىيە ھالقىغان ئاۋاز ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مۇئامىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىشىنى قايتا تەستىقلاش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.

ئىككىنچىدىن، كانادا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرىگە ئىشتىراك قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا تەۋە بولغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدىغان بىر دۆلەت سىستېمىسى قۇرۇشى ۋە قوللىنىشى كېرەك – بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر ۋە باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا دەلىل-ئىسپاتلار بار. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى ۋە خەلقئارا كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ ماشىنىغا قەدەر كەڭ دائىرىدە مەھسۇلاتلار بار.

كانادادا ۋالمارت ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار يوقلۇقى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر بولدى، لېكىن تېخىمۇ سىستېمىلىق يۆنىلىش زۆرۈر.

ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا ئىدارىسى بۇنداق بىر سىستېمىنى "ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى" ئارقىلىق قۇرغان بولۇپ، 2022-يىلىدىن باشلاپ تەخمىنەن 5,000 پاراخۇت خىتاي ئىمپورت ماللىرىنى قايتۇرغان.

ئاخىرىدا، كاناداغا ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتقا ماسلىشىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك.

2023-يىلى پارلامېنت بىر قارارنى ماقۇللىدى، ئۇنىڭغا ئاساسەن كانادا 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن ئىتىبارەن 10 مىڭ ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلدى.

بىرىنچى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنىڭ بۇ يېڭى پروگرامما ئارقىلىق يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن توققۇز ئاي ۋاقت كەتتى ۋە مەزكۇر پىلاننىڭ ئىلگىرىلىشى بەك ئاستا بولدى.

كانادا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۈچۈن يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇشى، بۇ يېڭى كەلگەن كىشىلەرنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ھېلىھەم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پايلاقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.

خىتاينىڭ كانادا جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىش قىلمىشلىرىنىڭ باشقا سىياسىي ئارلىشىشلار قەدەر كۆپ دىققەت تارتماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

مەسىلەن، كۆپچىلىك 2001-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا كاناداغا كەلگەن ۋە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇ ئۆزبېكىستانغا سەپەر قىلغاندا، تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا تەسلىم قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئويدۇرما بىر سوت ئېچىتشتىن بۇرۇن ئۇنى مەجۇرىي ئىقرارنامىگە قول قويغۇزغان. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ھەققىدە ئاساسەن ھېچ قانداق ئۇچۇر بولمىدى. كانادا ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بېسىم قىلىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىكى دوكلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇسلىرىنىڭ كانادا ئىچىدە باشقا قانۇنسىز ئىشلاررنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇلار جۈملىدىن مەخپى ساقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، شۇنداقلا خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


كانادا ئۆزىنىڭ چېگرىسى ئىچى ۋە سىرتىدا كۆرۈنىۋاتقان بۇ يېڭى تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغان بىر مۇكەممەل پىلاننى قۇرۇش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.

بىزگە تېخىمۇ كۆپ ھۈسەيىن جېلىل ئۆرنىكى كېرەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ قەيەرلەردە ئىكەنلىكى ۋە نېمە كۈن كۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قاباھەتلىك ھايات كەچۈرمەسلىكى كېرەك.

ئۇ ۋە خىتاينىڭ غەربىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەبىرى بويىچە «بوغما يىلان مەنزىرىسى» ئىچىدە ياشىماقتا.

كانادا يەرشارى كىشىلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان بۇ زور تەھدىتكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. بىز سۈكۈت قىلالمايمىز. بىز شېرىك بولالمايمىز.

يازغۇچى: ستىۋىن جو ()

مەنبە: IRPP (سىياسەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى)