ماراكەش تۈرمىسىدىكى ئىدرىس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان

ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ماراكاش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدىرىس ھەسەن ساق سالامەت ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 15-فېۋرال فېيسبۇك ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ماراكەشتە 3 يېرىم يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، قېرىندىشىمىز ئىدرىس ھەسەن ئۇزۇن ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، بۈگۈن بىخەتەر ھالدا ۋاشىنگتونغا كەلدى».

تۈركىيەدىكى تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبلىك 2021-يىلى 7-ئايدا ماراكەش ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كاسابلانكا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. ئەينى ۋاقتتا، ماراكەش دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بويىچە ئىدرىس ھەسەننى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىنچە بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. 

ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدە قالغان ئايالى ۋە ئۈچ نارەسىدە پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئىھتىماللىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى. ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە چېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ماراكەش دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان. 

نورۋىگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدرىسنىڭ ئائىلەسىنى بىر يىلدىن ئارتۇق ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن. Safeguard Defenders ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ماراكەشتە ئىككى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ ئۈچ يېرىم يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. 

2025-يىلى 15-فېۋرال