ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلغان

ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان ۋە خىتاي زۇلمىنى پاش قىلىدىغان بىر مۇنبەر تەمىنلەش مەقستىدە پارلامېنتتا بىر ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرغان.

11-فېۋرال كۈنى، كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» (AAPPGU) نىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت پائالىيىتىگە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسلىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپپىيا (Tony Zappia) ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرېۋ ۋاللىس (AndrewWallace) بىلەن «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» ھەمكارلىقتا ساھىبخانىلىق قىلغان.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىن مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئەزا بولغان ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ كۈپ ساندا كىشى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.

«ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى»  نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېۋ خانىم، يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىدا كۈچ چىقارغان پارلامېنت ئەزالىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ھېلىھەم ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، كىملىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە ھەر جەھەتتىن يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

australiadoppa

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ۋە پائالىيەت زالىنى جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ چېۋەرلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پۇرىقىغا باي قىلىپ راسلىغان زال ئۇيغۇرلارنىڭ خاسلىق، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى، سەنئىتىنى نامايەندە قىلىدىغان دوپپىلار، ئەتلەس گۈللۈك بۇيۇملار، ئۇيغۇر سازلىرى، ئۆي سەرەمجانلىرى بىلەن بېزەلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر تاتلىق تۈرمە ۋە مەززىلىك چايلىرى بىلەن ئىنتايىن دوستانە ۋە ئازادە كەيپىيات يارىتىلغان. دوستلۇق كەيپىياتى ئىچىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر كىملىكى تونۇشتۇرۇلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغۇچى پارلامېنت ئەزالىرىدىن فاتىمە پايمان (Fatima Payman) خانىم، مۇراسىمدىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ، مەن ۋە باشقا ھەمكارلىقتىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدە داۋاملاشتۇرىدىغان بىر دىيالوگى بولۇپ قالىدۇ. دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى قاتارلىق خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە بىز، دوستلۇق گۇرۇپپىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3 تەلەپنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەمدە تولۇق ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز. بىز بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئازابلىرىنى تونۇشىمىز  كېرەك. بىز پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە مالىمانچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.»

«پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى»، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي مەمۇرلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش، ئاۋسترالىيە-خىتاي سودا كېلىشىملىرى ۋە بۇ كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغانلىرىنى جازالاش قارارلىرىنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوينىغا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىش، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەلەپلىرىگە، ئىجابىي تەدبىرلەر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن.

2025-يىلى 15-فېۋرال