«خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋەزىپىسىدىن ۋاقتلىق توختىتىلغان

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا شەھىرىگە جايلاشقان «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ئاشنىدارچىلىق» ۋە «باشقىلارغا تەھدىت سېلىش» ئەيىبلەشلىرىدىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى 17-فېۋرال بايانات ئىلان قىلىپ، مەسىلە تەكشۈرۈلۈپ ئايدىڭلاشقانغا قەدە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئېقىپ يۈرگەن رەسىم، سىن ۋە يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۆز سېپىدىكى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشى داۋۇت كاشغەرلى (مۇھەممەت) كورىيەدە ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن « ئاشندارچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. شۇنداقلا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئىشنى تۇنجۇقتۇرماقچى بولغانلىقى، دىلودىكى ئايالنىڭ بولسا يولدىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ئىلان قىلغان باياناتتا، ئالدى بىلەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە بۇ ئىش قانۇنىي يول بىلەن ئېنىقلانغۇچە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ۋاقتلىق توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

بايانات مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىلىي ئورگانلىرى، ئەزا تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە:
 
«بىز، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەپتىش ھەيئىتى تەشكىلاتىمىزنىڭ نىزامنامىسى ۋە ئىچكى تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى قارارنى ئېلان قىلىمىز.
 
تەپتىش ھەيئىتى بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۇرۇن، قۇرۇلۇشىدا ۋە قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى جەرياندا تەشكىلاتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇز يىلدىن بۇيان بارلىق كۈچى بىلەن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئەركىنلىك دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا نۇرغۇنلىغان تۆھپە قوشقان بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
 
بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننى، تەشكىلاتىمىزنى ۋە دەۋانى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە بىرلىكىمىزنى ئىتىبارسىزلاشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر. بىرلىكىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا مۇستەھكەم داۋام قىلىدۇ.
 
تەپتىش ھەيئىتى، بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تۆھمەتلەرنى رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئاقلىشىنى، قوغدىشىنى قوللايدۇ.
 
بىرلىك تەپتىش ھەيئىتى پەرقلىق تەرەپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئەستايىدىل سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش، ئېتىبارىنى قوغداش ۋە تۆھمەتلەرگە قارشى قانۇنىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەشكىلىي خىزمىتىمىزنىڭ ساغلام داۋام قىلىشى ئۈچۈن، بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلىپ تۇرۇشىنى قارار قىلدۇق.
بۇ قارار تەشكىلاتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاش، شۇنداقلا خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
 
ھۆرمەت بىلەن:
 
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەپتىش ھەيئىتى
17/02/2025»

شۇ كۈنى يەنە، ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنى بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دەۋا يولىدا ‎خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق رەھبەر ۋە شەخىسنىڭ، دىنىي ئەدەب ـ قائىدىلىرىمىز، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىمىزگە رىئايە ۋە ھۆرمەت قىلىشى ۋاجىپتۇر. چۈنكى، دىنىي ۋە مىللىي قىزىل سىزىقلار بىزلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى ساقلايدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ.

بىز شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەھبەرلىرىنى بۇ ھەقتە جىددى تەدبىر ئېلىشقا، ھەر زامان ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا ۋە خەلقىمىزگە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ۋاقتىدا قانائەتلىنەرلىك ئىزاھات بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز.» 

 

2025-يىلى 18-فېۋرال