تايلاندلىق ئادۋوكات چۇچارت كانپاي باڭكوك جەنۇبىي جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ سىرتىدا مۇخىرلارغا سۆز قىلدى، 2025-يىلى 18-فېۋرال. (لۇكىت كۇسۇمارن / BenarNews)
تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكنىڭ جەنۇبىي باڭكوك سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە يەنى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى تايلاندتتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ئەرزى ھەققىدە تۇنجى قېتىملىق سوت ئېچىپ، سوتنىڭ كېيىنكى ھەپتە قايتا ئېچىلىشىنى قارار قىلغان. تايلاند سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال كۈنى 2-قېتىملىق سوت ئېچىپ، ئەرزدارلارنىڭ ھەقلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى، تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق سوتتا، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەرمەي ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىكى تۇنجى قېتىملىق سوتتا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كامپاي (Chuchart Kanpay)، ئەرزدارلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە، شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما (Nyrola Elimä) گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 18-فېۋرالدىكى سوتتا مۇنازىرە ياكى گۇۋاھلىق بېرىش بولمىغان. سوتچى پەقەت كېلەر قېتىملىق سوتنىڭ بۇ يىل 27-مارتتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قارمىقىدىكى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سوت ئەرزدارلارنىڭ شاھىتلىرىنى تىڭشىغاندىن كېيىن، ئەرزدە ھەقلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شۇنداقلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ 27-مارتتا سوت مەھكىمىسىگە چىقىشىنى بۇيرۇق قىلدى. »
ئەرزدارلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي شۇ كۈنى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سوتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشتا قانۇنسىزلىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئېيتقان. چۇچارت كانپاي مۇنداق دېگەن: «سوت بۇ تۇتقۇندا يوشۇرۇن بىر قانۇنسىزلىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. سوت بۇ 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش جازاسىنى چېكىشىدىن كېيىنمۇ، نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەگەر سوت تۇتۇپ تۇرۇشتا بىرەر قانۇنسىزلىق بايقىسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇشى ياكى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشقىچە باشقا ئورگانلارنىڭ ۋاقىتلىق كاپالەتلىك قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن.»
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنىڭ سانى 48 نەپەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق سوتنىڭ بۇرۇن تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ قايتا تۇتۇلۇپ قالغان تۈرمىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى مەلۇم. بۇ 48 ئۇيغۇر ئىلگىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ، تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. 2015-يىلى بۇ ئۇيغۇرلاردىن بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان 179 نەپىرىنى تۈركىيە قوبۇل قىلغان. تايلاند ئۇلاردىن 109 نەپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 18-فېۋرال كۈنىدىكى 2-قېتىملىق سوتتىمۇ، ئەرزدارلاردىن 43 ئۇيغۇر تۇتقۇن سوتقا چىقمىغان.
2025-يىلى 19-فېۋرال