ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئىنقىلاپچى، سىياسەتچى، ھارماس پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى 2025-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە نيۇ-يوركتا 95 يېشىدا ۋاپات بولدى. 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەرھۇمنىڭ مېيىتى نيۇ-يوركنىڭ ئۇزۇن ئارال (Long Island) رايونىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختا بۇ دۇنيادىن كەتتى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى فېسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەنپەرۋەرلىكى، مىللەتپەرۋەرلىكى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەرھۇم غۇلامىدىن پاختىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى ۋە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
مەرھۇم 1930-يىلى 15-ئاپرېل قەشقەردە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە ئاتا مىراس پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولۇپ، 1933-1934-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1937-يىل مەھمۇد مۇھىتى قەشقەرنى تاشلاپ چەت ئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي قەشقەردە داڭلىق ئۇيغۇر بايلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختىمۇ چەت ئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ بىلىدۇ. قەشقەردە بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن غۇلامىدىن پاختا ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندە دادىسىنىڭ تۈركىيەدە ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە تۈركىيەگە كېلىپ دادىسى بىلەن جەم بولىدۇ.
غۇلامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغاندا چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللار، تۈركىيە.
غۇلامىدىن پاختا 1955-يىل گېرمانىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن بارغان ۋە كېيىنكى يىللاردا «ئازادلىق رادىيوسى»، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا، خۇسۇسەن غەرب دۇنياسىغا يەتكۈزۈشكە زور تۆھپە قوشقان.
1960-يىللاردا ئۇ رادىيو تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىغا ئەۋەتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىغان مۇخبىرلىققا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ بىر ياقتىن «ئازادلىق رادىيوسى» ئۈچۈن ئىشلىسە، بىر ياقتىن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئۆزبېكچە قانىلىدىكى «ئاسىياغا ئېچىلغان نەزەر» سەھىپىسى ئۈچۈن ماقالە يازىدۇ. كېيىن ئۇ ئامېرىكادا «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆز مىللىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى ئامېرىكاغا يەتكۈزىدۇ ھەم دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىل پائالىيەت قىلىدۇ.
غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك.
2025-يىلى 20-فېۋرال